سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ كاپالىتى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ‹‹قارار››دا مەۋقە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە قارىتىلىپ، ئېلىمىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى بىر قاتار يېڭى كۆز قاراش، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىلدى، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، خەلقنىڭ ساداسى بىلەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلدى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئېلىمىزدەك 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى بىر مەيدان كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىنقىلاب. ‹‹قارار››دا ئېنىق قىلىپ: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشتۇر. بۇ ئومۇمىي نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.
پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تۈپ تۈزۈم ئاساسى، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ تۈزۈم كاپالىتى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ نەزەرىيە يېتەكچىسى ۋە ئىلمىي ئاساسى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەماسى. بۇ ئۈچ تەرەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىنى ھاسىل قىلىدىغان يادرولۇق مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تۈزۈم خاسلىقى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق مەسىلە. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى شەكلىدە پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشى داۋامىدا شەكىللەنگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى بېكىتكەن.
ئېلىمىزدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاساسى ۋە جان تومۇرى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىردەك بولۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكى جەزمەن سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تايىنىش، پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەدلىيەنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى تۈپ تەجرىبىسى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنىڭ غەربنىڭ ئاتالمىش ‹‹ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت››ى بىلەن بولغان تۈپ پەرقىدۇر.
قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھازىر ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئىسلاھات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇرلىشىش دەۋرىگە كىردى، بىز دۇچ كېلىدىغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مىسلىسىز ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ – خەتەر، خىرىس سان – ساناقسىز، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىك، رولى تېخىمۇ مۇھىم. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشى، خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەققانىيەتنى ياقلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يارىتىشتا، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزگىرىش داۋامىدا ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ھەم تەرتىپىنى ساقلاپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، سىياسىي ئېنىق بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئادىل بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان ھالەتنى، ئېلىمىزنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
‹‹ئېنىق تۈزۈمنى قوللىنىش بىر دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر››. ھازىرقى جۇڭگودا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئېتىقادىغا ئايلانماقتا. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا، دۆلەت ئىچى – سىرتىغا مۇنۇلار ئېنىق جاكارلاندى: بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇشنى ئومۇمىي تۇتقا قىلىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز!
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved