12 يىللىق داڭلىق تور ھۆججەت مۇلازىمىتى شىركىتى دۇكاننى تاقىدى

TechCrunch تېخنىكا تورى 11-فېۋرال يازمىسى: RapidShare شىركىتى ئەڭ دەسلەپ ئىش باشلىغان ئىنتېرنېت ھۆججەت مۇلازىمىتى شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 12 يىل دەۋر سۈرگەن بۇ زور شىركەت كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىدا بارلىق مۇلازىمەتلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىركەت ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇش بويىچە 31-مارتتىن كېيىن بارلىق ئىشلەتكۈچىلەر ۋە ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي يۇيۇلىدۇ.

باش شىتابى شۋېتسارىيىگە جايلاشقان بۇ شىركەت 2002-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تېخى نەچچە يىل بۇرۇنلا يۈز مىليۇنلىغان ئايلىق زىيارەتچى سانى بىلەن بۇ ساھەدە تەگكىلى بولمايدىغان گىگانېت ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇلۇت ساھەسىدىكى رىقابەتنىڭ چەكسىز كۈچىيىشى بىلەن شىركەتنىڭ بۇ ساھەدىكى مونۇپۇللۇق ئورنى ئاخىرلاشتى. بۇلۇت ساھەسىدە يېڭى بىر ئۆزگەرتىش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ مەغلۇب بولغان RapidShare ئۆتكەن يىلى ھەقسىز مۇلازىمەتلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىشقا ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىشتىن بوشىتىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ بۇلۇت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى رىقابەتچىلىرى گوگۇل، Dropbox ۋە مىكروسوفتلارنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە تېخىمۇ تۆۋەن باھالىق بۇلۇت مۇلازىمىتى (تۆۋەندىكى باھا سېلىشتۇرمىسىغا قاراڭ) ئاخىر RgpidShare نى بازاردىن قوغلىۋەتتى.

—————————

باھا سېلىشتۇرمىسى: RapidShare شىركىتى 300 گېگابايتلىق بوشلۇقنىڭ يىللىق مۇلازىمەت ھەققى 680 دوللار؛ Dropbox نىڭ بىر تېرابايتلىق بوشلۇقىنىڭ يىللىق باھاسى پەقەتلا 99 دوللار.



11-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ...
05-02-2016
         ماكلارېن يېقىندا P1 GTR نىڭ سېخىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بارلىق ياساپ بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى رەتلىك تىزىلغان. بۇ ماكلارېن يېڭى قۇرغان ئالاھىدە بۆلۈم.      ...
Powered by Leglek