بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا قۇشلۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇا جۇڭچاڭ سايباغ يېزىسىنىڭ قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلدى. 31-دېكابىر تۇنجى «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا خۇا جۇڭچاڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىپ، ۋەتەن، خەلققە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇشلۇق باشلانغۇچ مەكتىپىدە «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بەش يىلغىچە تارقىتىلىدىغانلىقىنى، ھەر يىللىق مۇكاپات سوممىسىنىڭ 11 مىڭ يۈەن بولىدىغانلىقىنى، مۇكاپات مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە تۇنجى قېتىملىق «قوش تىل» ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقاتتى.
مەكتەپنىڭ «قوش تىل»ئوقۇتۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچى روزىنىسە تۇرانىياز 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۈچ مىڭ يۈەن، رىسالەت باقى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئىككى مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن؛ 12 سىنىپتىن تاللاپ چىقىلغان 24 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ 12سى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 300 يۈەندىن، 12 سى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ 200 يۈەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزا قۇشلۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خۇا جۇڭچاڭ سۆز قىلماقتا
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved