مىكرو دولقۇن
:
1945-يىلى ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئىنژىنىرى پېرتسى سپېنسىر رادار سەپلەنگەن مىكرو دولقۇنلۇق رادىياتورنى سىناۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن ۋىژىلدىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالىدۇ-دە، يانچۇقىدىكى شاكىلاتنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ، بەلكىم ماگنېترون قويۇپ بەرگەن مىكرو دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە شاكىلات ئېرىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ، بۇ خىل دولقۇننى تەتقىق قىلغاندىن كىيىن، بۇ خىل دولقۇننىڭ سۇ مىقدارى بولغان نەرسىلەرنى قىزىتىش رولى بارلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق دۇنياغا كېلىدۇ.
رېزىنكە لايدىن ياسالغان ئويۇنچۇق
رېزىنكە لېيى:
ئۇ دەسلەپتە مەينەت بولۇپ كەتكەن تام قەغىزىنى تازىلىغۇچى بويۇم سۈپىتىدە بازارغا سېلىنغان، كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مىلاد بايرىمىدا زىننەت بۇيۇملىرىنى ياسىغان. بۇنى بايقىغان بەزى ئويۇنچۇق شىركەتلىرى رېزىنكە لايدىكى تازىلىغۇچى تەركىبىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭغا رەڭ ۋە خۇشپۇراق ماتىرىياللارنى قوشۇپ ئۇنى ناھايىتى قارشى ئېلىنىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرغان.
پولىتېترافتوروئېتىلېننىڭ خېمىيەلىك فورمىلىسى ۋە مولىكولا تۈزىلىش شەكلى
پولىتېترافتوروئېتىلېن:
پولىتېترافتوروئېتىلېن، يەنى «چاپلاشماس سۇۋاق»، 1938-يىلى يېڭى تىپتىكى فتور كاربوننى ھاسىل قىلىش مەقسەت قىلغان خىمىيە ئالىمى روي پولونكت تەجرىبىخانىسىدىكى توڭلىتىش ئۆيىدە قىلىنىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەجرىبىنى تەكشۈرىۋاتقاندا بايقالغان. كېيىن بۇ خىل ماددىنىڭ يۇقىرى تېمپىراتورا شارائىتىدىمۇ باشقا ماددىلار بىلەن چاپلاشمايدىغان خۇسۇسىيىتى بىلەن ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى بولغان ھەربىي ئۈسكۈنىلەرگە ناھايىتى ماس كېلىدىغان بىر خىل سىلىقلىغۇچىقىلىشقا بولىدىغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. ھازىر بۇ خىل ماددا چاپلاشماس قازانلارغا (يەنى قورۇمىلارنى تۇتىۋالمايدىغان، قازان ئاستىغا تاماق چاپلىشىپ قالمايدىغان يېڭى تىپلىق قازان) كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
يۈرەك قوزغاتقۇچنىڭ ئىشلىتىلىش سېخىمىسى
يۈرەك قوزغاتقۇچ:
ئامېرىكا نيۇيورك شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى ۋىلكىسون گرېئاتباچ يۈرەك سوقۇش رېتىمىنى خاتىرىلەش ئەسۋابىغا 10 مىڭ ئوملۇق رېزىستور ئىشلەتمەستىن، بەلكى بىر مېگا ئوملۇق رېزىستور ئىشلەتكەن. نەتىجىدە، توك يولىدا پەيدا بولغان سىگىنال ئىنسانلارنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇ چاغدا گرېئاتباچ بۇ ئېلىكتىرون ئېقىمى بەلكىم تومۇرنىڭ سوقۇشىنى تەڭشەپ تېزگىنلەپ كېسەل سەۋەبىدىن ئاجىزلاشقان يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.
چاپلىشىدىغان ئىزما ئىشلىتىلگەن ئاياق ( ئاياقنىڭ بوغقۇچىسى
)
چاپلىشىدىغان ئىزما:
شۋېتسارىيەلىك ئىنژىنېر گېئورگې دې مېسترال بىر كۈنى ئامراق ئېتىنى ئېلىپ ئورمانلىققا ئوۋ ئوۋلىغىلى كەلگەندە، ئىتنىڭ بەدىنىگە نۇرغۇن مىسكانتۇس ئوتى تىكىنىنىڭ يېپىشىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئېلىۋېتىشنىڭمۇ ناھايىتى تەسلىكىنى بايقايدۇ. مېستدال مىكروسكوپتا بۇ خىل مىسكانتۇس ئوتى تىكىنىنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك «ئىلمەك» نىڭ ئۇنى ئىتنىڭ تۈكىگە چىڭ چاپلاشتۇرۋالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ ھەرخىل توقۇلما بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى چاپلىشىدىغان ئىزمىنى كەشپ قىلغان.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved