جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈركىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان زۇڭلى داۋۇت ئوغلىنىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلدى دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: داۋۇت ئوغلى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەنگۈچە قارانچۇق ھۆكۈمەت بولىدۇ.
داۋۇت ئوغلى رەھبەرلىكىدىكى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 7-ئىيۇن پارلامېنت سايلىمىدا 40 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى 550 ئورۇننىڭ 258گە ئىگە بولدى، گەرچە داۋاملىق بىرىنچى پارتىيەلىك ئورۇننى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنتتىكى ئېرىشكەن ئورنى يېرىمدىن ئاشمىغانلىقتىن، ئۆز ئالدىغا كابىنېت تەشكىللەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلمەيدۇ، بۇ پارتىيە ئالدى بىلەن باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved