ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق بىر ئايال چەت ئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكا ‹‹ يېشىل كارتىسى ›› نى ئالداپ ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن، خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئايال 11 يىل ئىچىدە ئون ئەر بىلەن يالغان توي قىلىپ، ھېچقايسىسى بىلەن ئاجراشمىغان. ئۇنىڭ مەلۇم بىر يولدىشى تەھدىت خاراكتېرلىك سۆز ئىبارىلەرنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
لىئەننا بالىئېنتوس ساختا توي ئىلتىماسى ياساش، يالغان توي قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىنغان. ئەمما ئۇ جىنايىتىنى ئېتراپ قىلمىغان. ياردەمچى تەپتىش ئەمەلدارى جېشىكانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يولداشلىرى مىسىر، تۈركىيە، گىرۇزىيە، پاكىستان، مالى، چېخ ۋە بېنگاللىق ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەتتە ئادەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان.
لىئەننا ئاخىرىدا پەقەت بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ ‹‹ پۇل ئالغانلىقىنى›› ئىقرار قىلغان، ئەمما باشقا توققۇزەيلەننى كۆرۈپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان. جېشىكانىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر جىنايىتى بىكىتىلسە، ئۇ تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved