مېنىڭ ئىسمىم ئارزىگۈل لىتىپ ، كۇچا تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن. مەن يەنە قوشۇمچە كۇچا خالىس ياشلار پىدائىيلىرىغا يتەكچىلىك قىلىۋاتىمەن.كۈسەن خالىس ياشلار پىدائىيلار ئەترىتى 2013-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە مەمۇر خادىم،سۆدىگەر، كارخانا خادىملىرى، ئەدىب، ئوقۇتقۇچى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ۋە جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئاقڭۈكۈل ياشلىرىمىزدىن بولۇپ، جەمئىي 40 دىن ئارتۇق ساخاۋەتچى پىدائىيلاردىن تەشكىل تاپتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئاقكۈڭۈل ياشلىرىمىز پىدائىي بولۇشقا ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.ئۈچ ئايدىن بۇيان، پىدائىيلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئۈن مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىئانە يىغىپ، يېزا ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ شەھەر رايۇندىن بىر قەدەر يىراق بولغان قىيىنچىلىقى بىر قەدەر ئائىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ئۇلارغا ماددىي ۋە مانىۋى جەھەتلە بىلەن تەمىنلىدۇق.ئۇنىڭدىن سىرىت ھەرقايسى ئاھاللەر كۇممىتىىغا قاراشلىق مېيىپ ئائىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەلللەپ،ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە قاتنىشىپ، پىدائىي مۇلازىمەتنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىشكە تىرىشتۇق.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved