بۇ يىل تۆت ياشتا بولغان قىز Renu ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، تۇغۇلغاندىلا باش قىسمىدا چوڭ بىر ئۆسمە بار ئىكەن. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بېشىدىكى ئۆسمىمۇ چوڭىيىپ ماڭغان. ھازىر بۇ ئۆسمە ئاللىقاچان توپنىڭ چوڭلۇقىدەك بولغان بولۇپ، بەش جىڭ كېلىدىكەن. بۇ ئۆسمە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆسەرتكەن.
ئەگەر باشقىلار ئۇنىڭ بېشىدىكى ئۆسمىگە تېگىپ كەتسىلا، ئاغرىق ئازابىدىن قاتتىق يىغلاپ كېتىدىكەن. ھەتتا نورمال يېتىپ ئۇخلىغىلىمۇ بولمايدىكەن. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆسمە گەرچە ياخشى سۈپەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل چوڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىككە ئۆزگىرىپ كېتىپلا قالماي، يەنە يېرىلىپ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنكەن. شۇڭا بۇ قىزنىڭ بېشىدىكى ئۆسمىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنى تەكلىپ بەرگەن.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئادەتتىكى ئىشچى بولۇپ، كىرىمى ئاز ئىكەن. ئۆيىدە يەنە ئالتە بالا بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قىزنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقۇدەك پۇلى يوقكەن. بەختكە يارىشا، بۇ ئائىلە ۋاز كېچەي دەپ تۇرغىنىدا، بىر ئاقكۆڭۈل كىشى ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقارغان ھەمدە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. بۇ ھىندىستان شىمالىي رايون باشلىقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى قىزچاقنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بۇيرىغان.
بۇ قىزچاققا ئوخشاش بېشىغا چوڭ ئۆسمە ئۆسۈپ قالغان مىسالدىن دۇنيادا پەقەت ئىككىسىلا بار ئىكەن.بۇ قىزچاقنىڭ ئوپراتسىيەسىنىڭ ھازىرقى خەتىرى بولسا قىزنىڭ بېشىدىكى ئۆسمە مېڭىدىكى كۆرۈش نېرۋىسىنى بېسىۋالغان بولۇپ، دوختۇرلار ئوپراتسىيەنى ئوڭۇشلۇق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە قىزچاقنىڭ كۆرۈش نېرۋىلىرىنىڭ سالامەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەككەن. ئەگەر ئوپراتسىيە داۋامىدا ئازراقلا بىخەستىلىك قىلىنسا قىزچاقنىڭ ئەما بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. گەرچە ئوپراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە بىر مەزگىل كۆزىتىپ ئەگەشمە كېسەللىك قالىدىغان-قالمايدىغانلىقىنى قاراپ باقىدىكەن.
قىزچاقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن، بۇ بىر مۆجىزە بولۇپ، ئۇلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. لېكىن دەل مۇشۇ تور قىزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلار قىزىغا ياردەم قىلغان بارلىق كىشىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved