يەر شارى خەۋەر تورى 20-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى«كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتى بىرلەشمە ئىتتىپاق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى يەمەن پايتەختى سەنئانىڭ فەج-ئاتان رايۇنىدا بىر قۇرال-ياراغ ئامبىرىغا نىشانلىق زەربە بەردى، رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە قاتتىق زور پارتىلاش يۈز بەرگەن. بۇ قېتىملىق پارتلاش يەمەنگە ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر يۈز بەرگەن ئەڭ زور پارتلاش ئىكەن.
مۇخبىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن رايۇندىكى نۇرغۇن ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىغان، ۋە شۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيلىرىنى تاشلاپ قاچقان. پارتلاشتىكى ئۇچقۇن پارچىلىرى بىرەر كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يەرلەرگە يىتىپ بارغان. ئەلجەزىرە مۇخبرى سەئىد سابىت، نىشانغا ئېلىنغان قۇرال-ياراغ ئامبىرى ۋە ئەتراپىدىكى لاگېرنىڭ سابق پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارى گۇرۇپپىلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ھەربىي لاگېر سالھىقا قاراشلىق ئەڭ مۇھىم ھەربىي رايۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved