يەر شارى تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرى (لەگلەك تورى تەرجىمىسى): ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارى 11-ئاۋغۇست بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۇرد خەلق قوراللىق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك جەڭچىلىرى» گە بىۋاسىتە قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا تەمىنلىگەن بولۇپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئاشقۇن قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كۇرد «ئەركىنلىك جەڭچىلىرى» خەلق قوراللىق تەشكىلاتىغا ھەر خىل قورال-ياراقلارنى توشۇپ بەرگەن، بۇ قوراللار يېنىك تىپتىكى قوراللار ۋە مۈرىگە قويۇپ ئاتىدىغان قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھاۋا ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاشقۇن قوراللىقلارنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئۇرۇش ئوتى ئىراقنىڭ شىمالىغا يامرىغاندىن بۇيان، كۇرد خەلق قوراللىق كۈچلىرى ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ئاشقۇن قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن قارشىلاشماقتا، لېكىن ئاشقۇن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قورال-ياراق ئامبىرى بولسا ئىراق قىسىملىرىدىن ئولجا ئالغان ئامېرىكا ياسىغان قورال، تانكا ۋە زەمبىرەكلەر.
ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ئىلگىرى ئىراق ھۆكۈمىتىگىلا ھەر خىل قورال ياراقلارنى بەرگەن، لېكىن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بولسا كۇرد قوراللىق تەشكىلاتىغا قورال-ياراقلارنى بىۋاسىتە تەمىنلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved