بىر خىل خىزمەت ئورنى بار،ئۇ بولسىمۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلى بولۇش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا «خوجايىن».شىركەت ۋە كارخانىلاردىكى ھەر بىرىمىز بالدۇرراق خوجايىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز، ئۇنداقتا خوجايىن بۇلۇش بىز ئويلىغاندەك شۇنچىلىك ئاسانمۇ؟ ئەمەلىيەتتەخوجايىن بولۇش ئۇنداق ئاسانمۇ ئەمەس،ئۇ باشقا كەسىپلەرگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بۇ خىزمەت ئورنىدا ئۇنچە ئاسان ئىستېپا بەرگىلى بولمايدۇ، خوجايىن بىر بولسا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ،يەنە بىر بولسا ۋەيران بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىستېپانامىسىنى يازىدۇ.
مۇنداق بىر ھېكايە بار :
بىر قۇش بولۇپ دەريادىن بىر تال بېلىق تۇتۇۋاپتۇ، بېلىق دەپتۇ:« ئەگەر سېنىڭ قورسىقىڭ ئېچىپ كەتكەن بولسامېنى يەۋەتسەڭ مەن رازى بولىمەن،لېكىن سەن يېرىم كۈن جاپا تارىتقىنىڭ بىلەن،ئاقىۋەتتە ئۆزۈڭ پەقەت ئازراق بىر قىسمىنىلا يېيەلەيسەن،كۆپ قىسىمىنى ئىگەڭ ئېلىۋالىدۇ،يەنە تېخى سەن بېلىق تۇتقان چاغدا،سېنىڭ يېۋېلىشىڭدىن قورقۇپ تۆمۈر سىم بىلەن تۇمشۇقۇڭنى بوغۇپ قويىدۇ، نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق» قۇش ئاڭلاپ قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن :« مەن سېنىڭ ئالدام خالتاڭغا چۈشمەيمەن، گەرچە ھازىر تۇتۇۋاتقان بېلىقىم كۆپ، ئېرىشىدىغىنىم ئاز بولسىمۇ، لېكىن قىش كېلىپ دەريا-ئۆستەڭلەر مۇز تۇتۇپ كەتكەندە، مەن بېلىق تۇتالمايمەن، بىراق ئىگەم ئوخشاشلا مېنى باقىدۇ، مەن يەنىلا ئاچ قالمايمەن» دەپتۇ.
بىرىنچى كۆرسەتمە : خىزمەتچىلەرنىڭ سادىقلىقى كارخانىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەربىيەلىشى جەريانىدا يېتىشىپ چىقىدۇ .
ئىككىنچى كۆرسەتمە : خىزمەتچى خوجايىن پۇل تاپقان ۋاقىتتا پەقەت ئورتاق بەھرىمان بولۇشنىلا ئويلىماسلىقى كېرەك، چۈنكى خوجايىن زىيان تارتقاندا، سىز ھەرگىزمۇ ئورتاق ئۈستىڭىزگە ئالمايسىز.
يۈزدە سەكسەن پىرسەنت خوجايىنلاردا ئاشقازان ياللۇغى، نېرۋا جىددىيلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، بېسىم ئارتىپ كېتىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىقلار بار، خوجايىنلارنىڭ كۆپىنچىسى جېنىنىڭ بارىچە كەسىپ بىلەن ئېلىشىدىغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىنىڭىزغا ياخشىراق مۇئامىلىدە بولۇڭ .
خوجايىن بولسا بىر تۈپ دەرەخ، خىزمەتچىلەر بولسا شاخ-شۇمبىلار. رىقابەت قانچە كۈچلۈك، بازار شۇنچە كاسات، مەبلەغ شۇنچە قىس، بوران-چاپقۇنلارغا يولۇققاندىمۇ، خوجايىن تەۋرەنمەي تۇرۇپ، ئاستىدىكى چوڭ كىچىكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. دەرەخ چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ھامان بوران چاپقۇنلاردىن توسىدۇ، ياخشى ياكى يامان بولسۇن ھامان قۇشلار قونىدىغان شاخلىرى بولىدۇ.
ئەگەر مەسئۇلىيەت دېيىشكە توغرا كەلسە، كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر؟ ھوقۇقنىڭ كەينىگە نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. باشقىلاردا بار نەرسىگە ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ،بۇ پەقەت بىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلىمىزنىڭ تېخى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved