ئادەم بەدىنىنى ئاسراشتىكى ئون ئالتۇن ۋاقىت

1. چاي ئىچىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل

چاي ئىچىپ بەدەن ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل دەل تاماق يەپ بىر سائەتتىن كېيىنكى مەزگىل. نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يەپ بولۇپ ئارقىدىنلا چاي ئىچىشكە ئامراق، بىراق بۇ ئىنتايىن خاتا بىر ئادەت. سەۋەبى: چاينىڭ تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇ يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ ئېرىمەسلىك خۇسۇسىيىتى بار تۆمۈر تۇزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل تۆمۈر تۇز ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قان ئازلىق كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.


2. سۈت ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىل

سۈتنىڭ تەركىبىدە مول كالتسى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچىپ بەرسە، سۆڭەكنى ئاسراپ، ئۇيقىنى ياخشىلايدۇ.


3. چىشنى چوتكىلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىل

تاماق يەپ ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن چىشنى چوتكىلاش ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروبلار يېمەكلىكنىڭ قالدۇقىنى ئاجىرتىپ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاسان چىرىشى چىشنىڭ ئېمال قەۋىتىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ.


4. مېۋە يېيىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل

تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەت دەل مېۋە يېيىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل. چۈنكى مېۋە خام يەيدىغان يېمەكلىك بولغاچقا، خام يېمەكلىكتىن كېيىن پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى يېگەندە، بەدەندىكى ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ كەتمەيدۇ ھەمدە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىلىرىنى ئاسرايدۇ.


5. ئاپتاپسىنىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8~10كىچە، چۈشتىن كېيىن 4~7كىچە بولغان مەزگىل ئاپتاپسىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. چۈنكى بۇ مەزگىل ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ئولتىرا بىنەپشە نۇر Aنىڭ ئاساسلىق چۈشۈش مەزگىلى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن Aنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئادەم بەدىنىنىڭ ئېممۇنىتېت سېستىمىلىرىنى كۈچەيتىپ، چارچاشنىڭ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تومۇر قېتىشىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ.


6. ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل

تېرىنىڭ مېتابولىزمى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئەڭ جانلىق بولۇپ، كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن تېرە ئاسراش، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ۋاقىتتا تېرىنىڭ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


7. پىيادە سەيلە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى

تاماقتىن كېيىن 45~60 مىنۇت ئۆتكۈزۈپ، سائىتىگە 4.8 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن 20مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈپ بەرسە، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ خورىشى ئەڭ تىز بولۇپ، ئورۇقلاشقا ئىنتايىن پايدىلىق.


8. يۇيۇنۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى

ھەركۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۇيۇنسا، بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسكۇللار بوشاپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.


9. ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى

چۈشلۈك ئۇيقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى چۈشتىن كىيىن بىر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىنىڭ سەزگۈسى تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ. كەچتە سائەت 10~11گىچە بولغان ۋاقىت كەچلىك ئۇيقىنى باشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى. چۈنكى ئادەمنىڭ قاتتىق ئۇيقا مەزگىلى سەھەر سائەت ئۈچ بولغاچقا، ئۇخلاپ بىر يېرىم سائەتتىن كېيىنلا قاتتىق ئۇيقا مەزگىلىنى باشلىۋىتىدۇ.


10. چېنىقىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى

كەچتە چېنىقىش ئەڭ پايدىلىق. چۈنكى ئادەم ئورگانلىرىنىڭئىقتىدارى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، قاراڭغۇ چۈشكىچە ئەڭ ئوبدانجارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ پۇراش سىزېمى، كۆرۈش سەزگۈسى، مېڭە توقۇلمىلىرىجانلانغان مەزگىل بولغاچقا، يۈرەك رېتىمى، قان بېسىم بىر قەدەر تۇراق ھالىتىدە بولۇپ، چېنىقىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
03-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek