ئۈرۈمچى تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ قويۇپ بېرىش، ئۆستەڭ ياقىسىدىكى ئامما ۋە كۆكەرتىش خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى. 20–ئىيۇل، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىدىن كەلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، 22 - ئىيۇل، چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىدىكى سۇ تىنچلىق ئۆستىڭىگە قويۇپ بېرىلىدىكەن.
20-ئىيۇل، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى يۈەنشۇي شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئۈرۈمچىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر جىددىي. ئىيۇن ئايلىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 960 مىڭ كۇب مېتىردىن ئېشىپ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى ئاۋالقى يىللاردىكىدىن ئارتىپ كەتتى. ئىيۇل ئېيىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1 مىليون 80 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى.ئەكىسچە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ھۆل-يېغىن ئاز بولغانلىقتىن، چوڭ دەريالاردىن كېلىدىغان سۇ مىقدارى ئازلاپ، ئۇلانباي ۋە چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىدىكى زاپاس سۇ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 10 مىليون كۇب مېتىر ئازىيىپ كەتتى.
بۇ قېتىم تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى 10 كۈن ئەتىراپىدا بولىدىكەن، چوڭ كۆل سۇ ئامبىرى ھەر سېكۇنىتتا 2~3 كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىپ، ئۇمۇمىي سۇ قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 1 مىليون كۇب مېتىر ئەتىراپىدا كونتىرول قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى ئېرىق -ئۆستەڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بىر قاتار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تىنچلىق ئۆستىڭى يول ياقىسىدىكى سۇ ئىشلەتكۈچى ئىدارە- ئورۇنلارغا سۇ يىغىش تەييارلىق ئۇقتۇرىشى تارقاتتى.
ئۈرۈمچى سۇچىلىق شىركىتى ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سۇ قويۇپ بېرىش مەزگىلىدە، كىچىك بالىلارنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ ئوينىشىنى چەكلەپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۆستەڭ تازلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق ۋە ئۆستەڭ سۈيىدە گىلەم ۋە كىر قات يۇيۇشنى چەكلەش تەرتىپلىرىنى ئۇقتۇردى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved