جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈندىكى تېلگىراممىسى ، گىرمانىيە ‹‹سۈزۈك ئەينەك››ھەپتىلىك ژۇرنىلنىڭ 4-ئاينىڭ22-كۈنى خەۋەر قىلشىچە،ئامرىكا پېرىزدېنتى ئوباما پۇتىن بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىشنى توختىتىپ رۇسىيەنى يىتىم قالدۇرۇش سىياسىتىغا قول سالغان.بىراق ئامرىكىنىڭ بۇ ئىستراتېگىيسى ياۋروپانى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان : كەلگۈسىدە ياۋروپا بىلەن روسىيەنىڭ سۆھبەتلىشىشى تېخىمۇ تەسلەشكەن.
خەۋەر قىلنىشىچە، بۇندىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامرىكا ئۇكرائىنا مەسلىسىگە قارىتا جەنۋەدە يىغىن چاقىرغان بۇلۇپ، يىغىن ئارلىقىدا ئامرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلدۈرشىچە، ئۆز دۆلىتنىڭ روسىيەگە قارىتا گۇمانى چوڭقۇر بولغانلىقى تۈپەيلى،روسىيە بىلەن ئىلگىركى دوستانە مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلقىنى ئەسكەرتىپ:‹‹بىزنىڭ ھازىر پۇتىنغا ئىشەنچىمىز قالمىدى››دىگەن. بىراق ئامرىكىنىڭ بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيەسى ياۋروپانى ئوڭايسىز ئەھۋالغا سۆرەپ كىرگەن بۇلۇپ، ئەزەلدىن دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەخسۇس خادىمى ئاسىدۈن ۋاشىنگىتوننىڭ نۆۋەتتىكى پوزىتسىيەسىگەقارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇندىن باشقا بەزىبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پۈتۈن خاراكتىرلىك ئىقتىسادى ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈش ۋە ئوچۇق-ئاشكارا قارشىلىشىشقا قارىتا دەككە-دۈككىدە بولماقتا .
ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا، ئامرىكا ھۆكىمىتنىڭ قىلمىشغا قارىتا ، گىرمانىيە تەرەپمۇ قارشى ئاۋاز قوشقان بۇلۇپ،SPDنىڭ پارلامىنت ئەزاسى ئانىن بىلدۈرۈپ:‹‹مەن ئامرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك قاتتىق قول پوزىتسىيەسىگە قارىتا قاتتىق ئەندىشىدە بۇلىۋاتمەن،روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاقىلانە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماسلىق ھەرگىزمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملقنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بىزنىڭ دىققەت قىلشىمىز كىرەك بولغىنى ، ئىككىلا تەرەپ مەغلۇب بۇلدىغان سىياسىي تەدبىرنىڭ داۋاملىشىشغا قاراپ تۇرماسلىق كىرەك›› ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتىنىڭ قارشىچىمۇ،گەرچە پۇتىننىڭ قىلمىشى توغرا بولمىسمۇ ،ئەمما ۋاشىنگىتون تەرەپنىڭ ئىپادىسى بەك يۈزەكى بۇلۇپ قالغان،چۈنكى ئامرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرسىدىكى سودا دائىرسى ناھايىتى چەكلىك بۇلۇپ ،ئاخىردا ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغىنى يەنىلا ياۋروپا ئىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved