دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-دېكابىر پىرېتورىيەدە ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئافرىقا ئىتتىپاقنىڭ ئافرىقىدىكى تەرەققىياتىنى، بىر گەۋدىلەشكەن جەريانىنى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇما مونۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئېلىپ بېرىلغان 15 يىل جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئافرىقىغا ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت، بولۇپمۇ يېقىندا ئافرىقا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ ئېبولا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشىگە جۇڭگونىڭ ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر« 2063-يىللىق قارالما »مۇساپىسىدە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved