يازدا تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بەدەندىن چىقىدىغان تەرمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ چاغدا بەدەندىكى تۇز ۋە ئېلېكتىرولىتلار تەر بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ناۋادا بۇ ماددىلار ۋاقتىدا تولۇقلانمىسا، ئادەم باش قايىدىغان، كۆڭۈل ئېلىشىدىغان، ماغدۇرسىزلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، يازدا ئادەم يېنىدىن شېكەرلىك تۇز سۈيىنى ئايرىمىغىنى ياخشى. شېكەرلىك تۇز سۈيىنى تەييارلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئالدى بىلەن 600 مىللىلېتىر كېلىدىغان قايناقسۇغا يېرىم قوشۇق شېكەر، ئازراق تۇز سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن، شېكەرلىك تۇز سۈيى تەييار بولىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا بىر قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇۋىتىلسە، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شېكەرلىك تۇز سۈيىنى تەر كۆپ چىققاندا ئىچسە، بەدەن ئىقتىدارى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved