يېڭى يىلدىكى ئېنىقسىز قىززىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر

  يېڭى يىل يېتىپ كېلىپ ،بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، دۇنيادىكى قىززىق نۇقتىلىق ۋەزىيەت يۈزلىنىشى يەنىلا نامەلۇم بولىۋاتىدۇ. بۇ قىززىق نۇقتىلار ھەم ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سۈرىيە، ئىراق ۋە يەمەن قاتارلىقلارنى ھەم ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئافغانىستاننى، ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى ئوكرائىنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بەزى دۆلەتلەر گەرچە ئىچكى مالىمانچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىسىمۇ ئەمما مالىمانچىلىق ئىزنالىرى كۆرۈلىۋاتىدۇ، ئالايلۇق، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىرازىلىيە، ۋېنسۇئىلا قاتارلىقلار، بارلىق مۇقىمسىز بۇ ئامىللار ئۆتكەن يىلى ھەتتا ئۇنىڭدىن خېلى ئىلگىرى يىغىلىپ قالغان.

 تىنچلىق ــ دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، خەلقئارا جەمئىيەت تىنچلىق ئۈچۈن تېخمۇ تىرىشىپ، قىززىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

1- سۈرىيە: تىنچلىق سۆھبىتى ئۆگىرىشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟

سۈرىيەدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى 29-يانۋار جەنۋەدە باشلاندى، بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش توختىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، سىياسىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش شۇنداقلا سايلام ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئاساسى تېمىلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ، گەرچە سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنى سۈرىيەلىكلەر بېكىتىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى بولسىمۇ، ئەمما تۈپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ يەنە تەختتە قېلىپ قېلىشى تالاش تارتىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولماقتا، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى چوڭ دۆلەتلەر يەنىلا بىر بىرىگە يول قويمايۋاتىدۇ.

تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى سۈرىيە سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار كۈچ سىنىشىدىغان جاي بولۇپلا قالماي بەلكىم چوڭ دۆلەت ۋە رايونلار كۈچ سىنىشىدىغان شاخمات تاختىسى بولۇپ قالدى، شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدىكى سۈرىيەنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ سۆھبىتى ئۇزاق مۇددەتلىك، جاپالىق بىر جەريان بولىدۇ.

2- ئىراق: ئىسلام دۆلىتىنى قوغلاپ چىقىرىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل.

ئىراق زۇڭلىسى ئابادى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رامادىنى قايتۇرىۋالغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ بىر يىلدا ئىراق چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىقلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىمىز دېدى، ئەمما ئىراقتىكى سىياسىي ئوبروزچى نەجىپ.جۇبۇرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە ئىسلام دۆلىتى قىسمەن ئىشغالىيەت رايونلىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تەشكىلاتنى تۆلتۆكۈس يوقۇتۇشقا تېخى بالدۇر، ئالايلۇق، ئەنبەر ئۆلكىسىدە يەنىلا يېرىمدىن ئارتۇق زېمىن ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا، بۇ ئۆلكىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يەنە ئۇزاق مۇددەت كۆرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلام دۆلىتى يەنىلا ئىراقتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر مۇسۇلنى ئىگەللەپ تۇرۇۋاتىدۇ شۇنداقلا شەھەردە نۇرغۇن قوراللىق خادىملارنى تۇرغۇزدى، گەرچە كورد قوراللىقلىرى ئۈچ تەرەپتىن مۇسۇلنى مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ ئەمما قانداق قىلىپ زىددىيەتلىك كورد قوراللىقلىرى بىلەن ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى ياراشتۇرۇش يەنىلا خەلقئارا ئىتتىپاق دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە.

3-ئافغانىستان: تىنچلىق مۇساپىسىدا قانداق مېڭىش كېرەك؟

ئافغانىستان، جۇڭگو پاكىستان ۋە ئامېرىكىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە تۆت تەرەپ سۆھبىتىدە مۇشۇ ئايدا ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىلدى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى پىلانى ھەققىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە بەلگىلىك ئىلگىرلەش بولدى، كېيىنكى قېتىملىق يىغىن 6-فېۋرال ئېچىلماقچى.

تۆت تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ سۆھبەت ئارقىلىق دۆلەت ئىچى تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئامېرىكا، جۇڭگو قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كىشىلەرگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، ئەمما ئالاقىدار بىر تەرەپ تالىباننىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۆھبەتتە تېخىمۇ كۆپ ئۈستۈنلىككە ئېرىشىش ئىستىگىدە بولۇش مۈمكىنچىلىكى بولغاچقا، بۇ بىر يىلدا ئافغانىستاننىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا خاتىمە بېرىپ، تىنچلىقنى كۈتۈۋېلىشىدا يەنىلا نۇرغۇن مۇقىمسىزلىقلار بار.

4-ئوكرائىنا: شەرقى قىسىمنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولامدۇ؟

ئوكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپسى 1-ئايدا 3 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، مىنا تازىلاش، ئاھالىلەر كىرىپ چىقىدىغان يوللارنى ئېچىش، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكېرىت نەتىجىلەر قولغا كەلدى، 2-ئايدا گېرمانىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئوكرائىنادىن ئىبارەت تۆت دۆلەت يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ، جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: مەيلى سۆھبەتتە قانداق نەتىجە بولۇشىدىن قەتئينەزەر، پەقەت ئولتۇرۇپ سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلسىلا ۋەزىيەت ئىجابىي بولىدۇ.

شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى نۆۋەتتە دۈنباس توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ، ئالدىغا بىر قەدەم باسسىلا توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، ئارقىغا بىر قەدەم يانسىلا قانلىق ئۇرۇشقا قايتىپ كېتىش مۇمكىن، تېخىمۇ مۇمكىن بولغىنى ئالدىغىمۇ، كەيىنىگىمۇ ماڭماي بىر ئىزىدا توختاپ تۇرۇش ۋەزىيىتى.



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek