مادرىد رىقابەت خان مادرىدتىن ئېشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

11-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، 2015-2016 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسنىڭ 12-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىپ، مادرىد رىقابەت كوماندىسى مېھمان مەيداندا خانلىق بېتىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە باشتىن-ئاخىر كەسكىن بولدى. ھەر ئىككىلا تەرەپ قاتتىق تىركەشتى. ئاخىردا مادرىد رىقابەت كوماندىسى غوللۇق ماھىر كوكېنىڭ كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپىغا تايىنىپ رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن، مادرىد رىقابەت كوماندىسىنىڭ نومۇرى 26 گە يېتىپ، بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە ئىككىنچى ئورۇنغا چىقتى. بىرىنچى ئورۇندىكى بارسېلونا كوماندىسىدىن تۆت نومۇر كېيىن تۇرىدۇ. خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن ئىككى نومۇر ئېشىپ كەتتى.

باشقا مۇسابىقە نەتىجىسى: بېلباۋ رىقابەت مېھمان مەيداندا 0 : 2 نەتىجە بىلەن گىرانادا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. ۋىلارئىلار ئۆز مەيدانىدا 1 : 1 نەتىجىدە ئېيبار كوماندىسى بىلەن تەڭلەشتى. لىۋانىت مېھمان مەيداندا 3 : 0 نەتىجە بىلەن گىھۇن رىقابەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ھازىر بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە بارسېلونا بىرىن