ئاففانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ئامېرىكىنىڭ رەھىمسىز جازاسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاففانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى دوكىلاتىدا ئاشكارلىغان مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سوراق قىلىش ۋاستىسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇ ئامېرىكىنىڭ «ئىنسانپەرۋەر بولمىغان» خورلىشىغا ئۇچىرىغان مۇناسىۋەتلىك ئاففانىستانلىقلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئامېرىكىنىڭ ھەمبەھىرلەشنى تەلەپ قىلدى.


10-دېكابىر، ئاففانىستان زۇڭتۇڭى غەنى تېلفوندىكى سۆزىدە ئامېرىكا ئالىي پالاتا ئاخبارات كومىتىتىدىكى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سوراق قىلىش ۋاستىسى دوكىلاتىدىكى بارلىق بايقالغان ئىشنى كەسكىن ئەيىبلىدى. ئۇ بۇ خىل نازارەت قىلىش قىلمىشى «كىشىنى چۆچۈتىدۇ» ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇنداق قىلمىش ۋە ئىنسانپەرۋەر بولمىغان جازانى ياقىلاشنىڭ سەۋەبىنى تاپالمايدۇ دېگەن.


ئاففانىستان زۇڭتۇڭى غەنى يەنە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ۋە توختاملاشقان كىشلەر بارلىق خەلقئارا قوبۇل قىلغان كىشلىك ھوقۇق نىزامى ھەم ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دېگەن.
غەنى:« بەخىتسىز بولغىنى، دوكىلاتتا ئاففانىستان پۇقرالىرىنىڭمۇ جازاغا ئۇچىرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس» دېگەن، ئۇ بۇ قىلمىشقا قارىتا كۈچلۈك ئەيىبلىگەن.


غەنى ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشلەرنىڭ ئىسمى ۋە كونكىرىت قانچىلىك ئاففانىستانلىقنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغانلىقىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنى تونىغىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ۋە نام شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


ئۇ بولۇپمۇ كىشىنى ئازابلايدىغان ۋە خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغىنى، بۇ تۇتقۇن قىلىنغان كىشلەر ئىچىدە بەزىلىرى پۈتۈنلەي گۇناھسىز، ئەكىسچە ھەم كېيىن ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان كىشلەر، ئەمما مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار يەنىلا ئامېرىكىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ئىچىدە خورلۇنۇشقا ئۇچىراۋاتىدۇ دېگەن.


ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ دوكىلاتىدا ئاشكارلىنىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سوراق قىلغۇچى خادىملىرى مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۇرۇش، ئۇخلاتقۇزماسلىق، زەنجىر بىلەن يالىڭاچ ھالدا سوغۇق تامغا باغلاپ قويۇش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق گۇمانلىق كىشلەرنى سوراق قىلغان. ئىگەللىنىشىچە بىر مەخپىي ئورۇن كابۇلدىكەن.


غەنى ئاففانىستانلىقلارغا كاپالەت بېرىپ، يېقىندا ئامېرىكا ۋە ناتو بىلەن ئىمزالىغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى بويىچە، 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن، چەتئەل قىسىملىرىنىڭ قايتا ئاففانىستان چىگراسىدا ئادەم تۇتۇش ھوقۇقىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خەلقئارا قىسىم شۇنى ئۇرۇش قىلىشنى ئاياقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ، كۆپ قىسىم چەتئەل ئوفىستىر-ئەسكەرلىرى ئاففانىستاندىن ئايرىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
12-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
06-05-2016
    ھىندى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 62 مىليون دوللار تىنچلىقنى قوغدا...
06-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭەشكەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ زۇما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتى...
06-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى تورى، 6-ماي تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاز...
Powered by Leglek