بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومى تارقاتقان ئۇچۇردا ئېيتىلىشىچە، ‹نۆۋەتتە پايتەخت ئايرودرومىدا ئېغىر تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن بولۇپ، كۆرۈش ئارلىقى ناھايىتى تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان، بۇ خىل ئەھۋال نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن›. نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئېيتىشىچە، پايتەخت ئايرودرومىدىكى ماشىنىلارمۇ يول يۈرەلمەي قالغان بولۇپ، يولۇچىلارنى ئايروپىلانغا توشۇيدىغان ماشىنىلارمۇ يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقى ئۈچۈن، يولۇچىلار ئايروپىلان ئىچىدە ساقلاشقا مەجبۇر بولغان. ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپەت كۆرسەتكۈچى 456 بولۇپ، ئېغىر بۇلغىنىشقا كىرىدىكەن.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved