نېيمار پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىكە ئىگە شەخس بولۇپ باھالاندى

تېڭشۈن تەنتەربىيەسى 21-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى

2015-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپات ساھىبىنى تاللاشتا، نېيمار ئۈچىنچى بولغان، برازىلىيەلىك ئامما ئارىسىدىن چىققان توپچى مېدىيالار تەرىپىدىن كەلگۈسىدە مېسسى، كىرىستىيانو رونالدولار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تۇرالايدىغان شەخس، دەپ تەرىپلەندى. ئىسپانىيە مېدىياسى «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «سودا ئىچكى سىرى تورى» بۈگۈنكى دۇنيادىكى 35 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ تەسىر كۈچىكە ئىگە شەخسلەرنى باھالاشتا، نېيمارنى تىزىملىككە كىرگۈزگەن، ئۇ پۇتبول چەمبىرىكى ئىچىدىن تاللانغان بىردىنبىر توپچى ئىكەن. گەرچە مېسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىككىلىسى 35 ياشتىن تۆەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ تاللىنالمىغان.

«سودا ئىچكى سىرى تورى»نىڭ بۇ قېتىملىق ئەڭ تەسىر كۈچىكە ئىگە شەخسلەرنى باھالاشتىكى ئىككى مۇھىم نۇقتىسى: بىرىنچى، تاللانغۇچىنىڭ يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، تاللانغۇچى سودا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇش كېرەك. مەزكۇر توربەت يۇقارقى ئىككى نۇقتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، توققۇز ئادەمنى تاللاپ چىققان.

نېيمارنىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى يۇشۇرۇن كۈچى چەكسىز، سودا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ شىركىتى بار، ھەمدە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان «NJR» ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلىرى بار. ئۇنىڭ شىركىتى بىر قانچە تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مەزگىلدە ئۇ يەنە ئىتالىيەدىكى داڭلىق پادىچىلار كىيىم ماركىسى «replay» بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، نېيمار پادىچىلار كىيىمىنى لايىھەلەشكە قاتناشقان، بارسېلونا كوماندىسىكى دوستلىرى نېيمارنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى پادىچىلار كىيىمى ئۈچۈن سەھنىدە تۇرۇپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.

نېيمارمۇ دائىم كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا پەيدا بولىدۇ، ئىلگىرى بېكخامنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ قىز دوستى كروي بىلەن چۈشكەن سۈرىتى مېدىيالارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى چەكمىسى ۋە ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ، شۇنداقلا كىيىنىش ئۇسلۇبىمۇ مېدىيالارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان.

نېيمار بۇ قېتىم «سودا ئىچكى سىرى تورى» تاللاپ چىققان ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخس قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، پۇتبول ساھەسىدىن بۇ تۈرگە تاللانغان بىردىنبىر توپچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئىككى چوڭ كاتتىباش مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو تاللىنالمىغان، مېسسىنىڭ توپ تېخنىكسى ئىنتايىن ياخشى. ئەمما سودا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئىپادىسى بىر قەدەر ناچار. ئەمما كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ ئىككىلا ساھەدە تالانتى بار، ئۇنىڭ تاللىنالمىسى كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.

نېيماردىن باشقا، ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخسلەردىن Facebookنىڭ قۇرغۇچىسى زاكىربېرگ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالماننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىن سالمان، ناخشا چولپىنى جاستىن بىيبېر، بيونىس، ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە ماھىرى كارداشىن، ئامېرىكىدىكى مودا ناخشا شاھى lady gaga، مېكسىكىدىكى ئايال ئارتىس لۇپىتا نىيوڭئو ۋە پۇتىننىڭ قىزى ئېكاتېرىنا تىكونوۋا قاتارلىقلارمۇ بار.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
27-05-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ...
Powered by Leglek