شەنشىدىكى ئالتۇن كاندا تۆت كىشى زەھەرلىنىپ قازا قىلدى

     «خۇاشاڭ گېزىتى» خەۋىرى، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:40 دە، شاڭلو شەھەرى شاڭ جوۋشىن يۈەنشىن كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يۈپىڭدىكى ئالتۇن كانىدا ماي ئىسى بىلەن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت كىشىنىڭ  ئۆلۈشى، بىركىشىنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

   تۈنۈگۈن كەچ سائەت 6:30 دا، شاڭلو شەھەرى مەركىزىي دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە، بىر كان ئىشچىسى ئوكسېگىن ماسكىسى تاقىۋالغان، چىرايى تاتىراڭغۇ، نەپەسلىنىشى قىيىن ئىدى. ئۇ ئازابلانغان ھالدا: چۈشتىن كېيىن ئۇ بىر قانچە ئىشچى بىلەن ھىم بوشلۇقتا خىزمەت قىلىۋتاتتۇق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى نورمال بولمىغانلىقى، ھەمدە ئىچىدە تۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بىمار تېخى ھاياتى خەۋپتىن قوتۇلمىغان.

   شۇ كۈنى كەچ سائەت 11دە، شاڭ جوۋ رايونى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىشىمىزچە، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا،  بەش نەپەر ئىشچى تاغ ئىچىدە كاننى تەكشۈرىۋاتقان، ئىشلەتكىنى بولسا دىزېلماتور، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى نورمال بولمىغانلىقتىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىققان. نۆۋەتتە كان قۇتقۇزۇش ئەترىتى نەخ مەيداندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقتا.

   مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ كانچىلىق شىركىتى شاڭ جوۋ رايونى يېسۈن بازىرى يۈپىڭ كەنتتىدە بولۇپ، پاي تۈزۈمىدىكى شىركەت ئىكەن، خوجايىنلارنىڭ كۆپىنچىسى سىچۈەنلىك ئىكەن، كان باشلىقى بولسا شاڭ جوۋلۇق ئىكەن، نۆۋەتتە كان باشلىقى بىلەن بىر خوجايىن ساقچى تەرەپنىڭ كونتروللۇقىدا. تۆت نەپەر ئۆلگەن كىشىنىڭ ھەممىسى شەندۇڭلۇق بولۇپ، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىر قىسمى يېتىپ كەلگەن.

   تۈنۈگۈن كەچ، شاڭجوۋ رايونىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر نەخ مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، تەكشۈرۈش ۋە قالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. شاڭلو شەھەرىنىڭ شەھەر باشلىقى چېن جۈن ۋە بىخەرتەلىكنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىمۇ نەخ مەيدانغا يېتىپ كەلدى. نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بەرگەن ئالتۇن كان بۇيرۇق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشتىن پۈتۈنلەي توختىتىلدى.



خەتكۈچلەر:
31-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن «سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «ئۇنداق ھېس قىلمايمەن، مۇھىمى سىز قايسى خىل ئىدىيەنى كۈچەيتىشكە باغلىق» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەزى كىشىلەر يالغۇزلۇق بىلەن كېسەلنى بەكرە...
30-04-2016
    باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەرب تېبابىتىدىكى قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق بېشارەتلەردىن كېيىن، بىر تەرەپ چاناق، چېكە ۋە پ...
30-04-2016
    گۇگول شىركىتى يەنە قالتىس تېخنىكا چىقاردى! چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Googleيېقىندا بىر يېڭى پاتېنت تېخنىكىسى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا سۇيۇق ھالەتتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرەيدىغان مىكرو ئېلېكترونلۇ...
29-04-2016
    زىيادە بېسىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت كومپيۇتېرنىڭ مائۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە توكيو MedTec يىغىنىدا، Alps Electic شىركىتى بىر ...
29-04-2016
    CNBC تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فېيسبۇكنى قۇرۇش ناھايىتى دادىللىق بولۇپ، بىراق شىركەت CEO سى مارك زاكېربىرگ تېخىمۇ جۈرئەتلىك بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «دۇنيادىكى بارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش». زاكېربىرگ تېلېفون...
29-04-2016
     جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى 26-قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ «يېتىم...
29-04-2016
     بۇ يىل ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ تارمىقى بېيجىڭ شىمالىي يولىغا قۇرۇلىدۇ، قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن 1200 دىن ئارتۇق كارىۋات ئورنى بىلەن تەمىنلىنىپ، بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى بولغان دوختۇرخانا مۇھىتى بىلەن تەمىنل...
29-04-2016
    ئەنگلىيەلىك ئوزۇقشۇناسلارنىڭ تەركىبىدە ئوخشاش دەرىجىدە ئېنېرگىيە بولغان 17 خىل يېمەكلىك ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قېتىق ۋە سۇلۇ ئادەمنى ئەڭ ئۇزاق توقلۇق ھېس قىلدۇرسا، ئەكىسچە شاكىلاتلىق تاتلىق پې...
29-04-2016
    ناچار تۇرمۇش، يىمەكلىك ئادىتى ئاشقازان ساغلاملىقىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىرس، تۆۋەندە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز ئاشقازان ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان يامان ئادەتلەر: ئېشىپ قالغان تاماقنى يېيىش. ئېشىپ قا...
29-04-2016
    سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە پايتەختى سېئۇلدا يېقىندا ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بىر تېلى 120 مىڭ يىنلىق «چوڭ مېڭىنى جانلاندۇرۇش ئوكۇلى»نى...
Powered by Leglek