ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا ئۈچ «ئالتە» پىرىنسىپىنى ئۇنتۇماڭ
12-12-2014
0
556
يازغۇچى: ئابلېكىم
thumb

بېيجىڭ ساغلاملىق ئاۋازى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسى تۇغۇت – بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى سۇ شىپىڭ مۇنداق دېدى: ئوزۇقلۇق ئېشىپ كېتىش ۋە يېتىشمەسلىكنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق ئېشىپ كەتكەندە بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئارتىپ كېتىش، ھامىلىدارلىققا يانداشقان يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسىلى، ھامىلىدارلىققا يانداشقان دېئابېت، تۇغۇت قىيىن بولۇش، تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن شەكلى ئەسلىگە كەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە تۆمۈر كەملىك ۋە تۆمۈر كەملىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق؛ كالىتسىي ۋە ۋىتامېن D نىڭ كەمچىللىكىدىن بولغان سۆڭەك يۇمشاش (سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى)، قاندىكى ئاقسىل تۆۋەنلەش، قان شېكىرى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللەر؛ قوزغاتقۇچى ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسىلى، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھامىلە پەردىسى بالدۇر يېرىلىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولىدۇ؛ بوشانغاندا بالياتقۇنىڭ قىسقىرىشى توسالغۇغا ئۇچراش، تۇغۇت قىيىن بولۇش، تۇغۇتتىن كېيىن قان چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؛ بوشانغاندىن كېيىن چىللە ياللۇغى، سۈت ئاز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 


ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە: مايسىز تاماق يېيىش، ئاز يېيىش، يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش


ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئالتا پىرىنسىپ: بىرىنچىدىن، ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق، كۆپ خىل بولۇش؛ ئىككىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېتون جىسمىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تۆتىنچىدىن، مىنېرال ماددا تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ تەركىبىدە كالىتسىي، فوسفور، سىنىك كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ بەشىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامېن ئىستېمال قىلىش، بولۇپمۇ B تۈردىكى ۋىتامېننى ئىستېمال قىلىش؛ ئالتىنچىدىن، يېڭى، بۇلغانمىغان كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى تاللاپ يەپ، قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

 


ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە: ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل يېيىشنى كۆپەيتىش

 


ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئالتا پىرىنسىپ: بىرىنچىدىن، قوبۇل قىلىنىدىغان كۈندىلىك ئېنېرگىيە مىقدارىنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن كۆپەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، يېتەرلىك مىقداردىكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردىكى ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش، قوبۇل قىلىنغان ماي مىقدارى پۈتۈن كۈنلۈك ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ 25 - 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا مىنېرال ماددا قوبۇل قىلىش، بولۇپمۇ كالىتسىي، فوسفور تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش؛ بەشىنچىدىن، ۋىتامېننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، بولۇپمۇ تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B12 بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش؛ ئالتىنچىدىن، مايسىز تاماق يېيىش، ناترىي سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش.

 


ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە: دانلىق زىرائەت، تاتلىق ياڭيۇ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئازايتىش، قۇش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش

 


ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئالتا پىرىنسىپ: بىرىنچىدىن، بۇ ئانا ۋە ھامىلە ئاقسىلغا ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدىغان دەۋر بولغاچقا ئاقسىلنىڭ بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ماي، شېكەر قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق چەكلەش؛ ئۈچىنچىدىن، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان ۋە ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش؛ تۆتىنچىدىن، تەركىبىدە تۆمۈر بولغان قۇش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بەشىنچىدىن، يېتەرلىك مىقداردىكى سۇدا ئېرىشچان ۋىتامېننىڭ، بولۇپمۇ ۋىتامېنB1 نىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يەڭگىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش؛ ئالتىنچىدىن، يېتەرلىك مىقداردا تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى سۈمۈرۈپ، ھامىلە چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش.



خەتكۈچلەر:
12-12-2014
0
556
يازغۇچى: ئابلېكىم
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-02-2015
0
75
thumb
1. ئاق تۇرۇپنى نەشپۈت بىلەن يېگەندە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئۆپكىنى ياشارتىدىكەن. نەشپۈت ئۆپكىگە پايدىلىق بولۇپ، ئاق تۇرۇپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. 2. ئاق تۇرۇپ بىلەن قوي گۆشى. قىشتا قوي گۆشى سوغۇقتىن ساقلاپ، قان ...
07-02-2015
0
404
thumb
ئامېرىكنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆيۈپ كەتكەن گۆشنى دائىم يېگەندە ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر گۆشنى ياغدا قورۇپ، كۆيدۈرۈپ يېگەندە راك پەيدا قىلغۇچى مادد...
07-02-2015
0
344
thumb
ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق لىمون سۈيىنىڭ بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئالىملارنىڭ قارىشىچە لىمون سىتراتى سۈيدۈكتىكى كالتسىينى سۈزۈۋېلىپ، كالتسىينىڭ چۆكۈپ بۆرەكتە تاش پەيدا بو...
06-02-2015
0
363
thumb
1. قەھۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. ئامرىكا يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، قەھۋە ئادەمنىڭ بەدىنىنى غىدىقلاپ ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.   2. ئېرىمچىك. يېمەكلىك تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ئېرىمچىكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقد...
06-02-2015
0
295
thumb
    بەل تەرەپكە ياستۇق ياكى تەگلىك قويۇۋالغاندا، راھەت ئولتۇرۇپ ئىشلىگىلى بولىدۇ، لېكىن راھەت بولىدىكەن دەپ تەگلىكىنى ھەرگىزمۇ دۈمبە تەرەپكە قويۇۋالماسلىق كېرەك ئىكەن. چۈنكى بەل ئومۇرتقىسى فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياج سەۋەبلىك بىر تۈز...
05-02-2015
0
438
thumb
بىر قېتىملا ئىشىلتىلدىغان قەغەز ئىستاكاننىڭ ئىچكى دىۋارىغا ئادەتتە بىر قەۋەت نېپىز شام سۈركۈلىدىغان بولۇپ، ئەگەر سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 40 سىلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتسە بۇ شام ئېرىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا بىر قېتىملا ئىشلىتىلدىغان قەغەز ئىستاكانغا س...
05-02-2015
0
169
thumb
سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.بالا ئاغرىپ قالغاندا، بەزى ئاتا-ئانىلار دورىنى بالىغا ياتقۇزۇپ ئىچۈرىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بالىغا دورىنى ياتقۇزۇپ ئىچۈرگەندە، دورا بالىنىڭ قىزىل...
05-02-2015
0
275
thumb
لەۋسۈرۇخ: قىشتا كالپۇك ئاسان يېرىلىدۇ، بۇنىڭغا ھەممە لەۋسۈرۇخنىڭ پايدا قىلىپ كېتىشى ناتايىن، شۇڭا ئاياللار لەۋسۈرۇخ ئىشلەتكەندە نەملىكى يۇقىرى، موم ماددىسى يوق، سۈمۈرۈلىشى ياخشى لەۋسۈرۇخنى تاللىغىنى تۈزۈك.   ھۆل تەمرەتكە ۋە زىيادە س...
03-02-2015
0
207
thumb
ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن . بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن .ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەي...
02-02-2015
0
150
thumb
شىنجاڭ تورى خەۋىرى شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئىككى كۈندىن بۇيان ئانىسىغا مەخسۇس ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالايدىغان دۇرا ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدى .ئىلگىرى ئۇ بۇخىل كېسەلنىڭ ناھىيە –شەھەر ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇ...
Powered by Leglek