ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【يەر شارى پەن تېخنىكىسى خەۋىرى، مۇخبىر: چېن ۋېي】 چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا 2005-يىلى جوبىس Mac ئۈچۈن ئىنتېل بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئالما Mac ۋە MacBook ئۈچۈن ئىنتېل بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى تاللىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى ئۆزى ياساپ چىققان بىر تەرەپ قىلغۇچتا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇققانلىقى ئىكەن. ھالبۇكى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان iPhone ۋە iPad كە ئىشلىتىلگىنى بولسا A چاتما بىر تەرەپ قىلغۇچىسى بۇلۇپ بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئېلىكتىرون ساھەسىدە ئالما شىركىتى Mac ئۈچۈن ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىدىكەن دېگەن قاراش پەيدا بولغانىدى.
بۇنىڭغا قارىتا ئىنتېل كۆپ قېتىم ئوچۇق سورۇندا بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ ئالما شىركىتى ئىنتېل شىركىتىنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىسى، مۇناسىۋەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ دېگەن.
ئىنتېلنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى سىتايسىي سىمىس Business Insider نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئالمىنىڭ ئىنتېل بىر تەرەپ قىلغۇچىسىدىن ۋاز كەچكەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ يەنە ئىنتېلنىڭ ھازىر يەنىلا رىقابەتچىلىرىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ PC جەھەتتە باشقا كارخانىلاردىن خېلى ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالما ھەمدە باشقا PC ماركىلىرى ئۈچۈن باشقا تاللاش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئالما بىلەن ئىنتېل ئوخشاش ، دائىملا ئەڭ قىزىقارلىق مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا چىقىرىدۇ. سىتايسىي سىمىسنىڭ قارىشىچە پەقەت داۋاملىق بازارنى ئەڭ ياخشى تېخنىكا بىلەن تەمىنىيەلىسىلا ئىنتېل داۋملىق Apple نىڭ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ قىزىقارلىق مەھسۇلاتنى بازارغا چىقىرالايدىكەن.
بۇنىڭدىن قارىغاندا ئالما بىلەن ئىنتېل PC جەھەتتە يەنە بىر مەزگىل ھەمكارلىشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved