جاھان ئاگېنتلىقى 18-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سىربىيە ساقچىلىرى، 1995-يىلى بوسنىيەدە 8 مىڭ مۇسۇلمان ئەر كىشى ۋە كىچىك بالىلار ئۆلتۈرۈلگەن سىربىيە قىرغىنچلىقىغا ئالاقىدار 7 سابىق ساقچىنى قولغا ئالدى.
ئۇرۇش جىنايەتلىرى تەپتىش ئىشخانىسى، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان 7 كىشىنىڭ، ئۇرۇش مەزگىلىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالاھىدە سىرىب ساقچى تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىىكىنى ئېلان قىلدى، تەپتىش «بۇ كىشىلەر ئادەتتىكى پۇقرالارغا قارىتا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سوتلانماقتا» دېدى.
گۇماندارلار سېربىيە ئەتراپىدىكى كراۋىجا ناملىق بىر ئورۇندا يۈز بەرگەن جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا. يۇقارقى ئورۇندا 1995-يىلى ئىيۇلدا مىڭدىن كۆپ مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
خەلقئارا جازا مەھكىمىسى، قىرغىنچىلىق بۇيرۇقىنى بەرگەن سىرىب قۇماندانلاردىن 5 كىشى ھەققىدە 2015-يىلى يانۋاردا جازالاش قارارى چىقاردى. مەھكىمە 5 قۇمانداندىن ئىككىسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، قالغان ئۈچىنى 13 ۋە 35 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
سىربىيە ئەتراپىدا ھازىرغا قەدەر 36 دانە قەبرىستانلىق ئېچىلىپ 6 مىڭ كىشىنىڭ سۆڭەكلىرى بايقالدى.
1995-يىلى ئىيۇل ئېيىدا سىىرب قۇماندانى راتكو ملادىچ ۋە سىىرب ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان سىربىيەدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «بىخەتەر رايۇن» دەپ ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا رايۇنغا گوللاندىيە تىنچلىق قىسىملىرى ئەۋەتىلدى. گوللاندىيە ئەسكەرلىرى سىربىيەنىڭ 6 كىلومىتىر يىراقىدىكى پوتاجارى رايۇنىغا ئورۇنلاشتى.
قۇمانداق ملادىچنىڭ قىرغىنچلىق تەھىدىتى سەۋەبلىك تەخمىنەن 300 بوسنىيەلىك گوللاندىيە ئەسكەرلىرى جايلاشقان بازىغا بېرىپ پاناھلاندى، بىراق گوللاندىيە ئەسكەرلىرى بازىسىدىكى بۇ 300 بوسنىيەلىك سىرىبلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved