قېيىنئانىسى يېڭى ئۆيىنى بېزىدى، كۈيئوغلى كۆڭلىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ توك سىمى ئوغرىلاپ قېيىنئانىسىغا سوۋغا قىلدى. 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، شېرىكلىشىپ ئوغرىلىق قىلغان لى فامىلىلىك بىلەن يۈ فامىلىلىك خۇنەن ئۆلكىسى شىنتيەن شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەرز قىلىندى.
لى فامىلىلىك بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن بولۇپ، شاۋياڭ شەھىرى شاۋياڭ ناھىيەسىدىن، 2003-يىلى 4-ئاي ۋە 2009-يىلى 5-ئايدا ئىككى قېتىم ئوغرىلىق دېلوسىغا چېتىلىپ قېلىپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يۈ فامىلىلىك بۇ يىل 43 ياش بولۇپ، شاۋياڭ شەھىرى شاۋياڭ ناھىيەسىدىن ئىدى.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى،لى فامىلىلىك بىلەن يۈ فامىلىلىك باشقىلارنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ شىنتيەن ناھىيەسىگە كەلگەن، لى فامىلىلىك يۈ فامىلىلىككە قېيىنئانىسىنىڭ يېڭى ئۆيىنى بېزىگەنلىكى، يۈ فامىلىلىكنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە بەش خىل مېتال دۇكىنىغا كىرىپ توك سىمى ئوغرىلاپ قېيىنئانىسىغا سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئارقىدىن ئىككىيلەن شىنتيەن ناھىيەسى لوڭچۈەن بازىرىدىكى مەلۇم بىر بەش خىل مېتال دۇكىنىغا كىرگەن، دۇكاندا ئايال خوجايىننىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، يۈ فامىلىلىك ئىچىگە كىرىپ سۇ تۇرۇبىسىنىڭ بېشىنى سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكى، دۇكان خوجايىنىنىڭ سۇ تۇرۇبا بېشىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، خوجايىننى ئىچىگە باشلاپ كىرگەن، ھەمدە خوجايىننىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى توسۇۋالغان، لى فامىلىلىك بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم دۇكاندىكى مىس سىمدىن بىر نەچچە تومنى ئوغرىلاپ چىققان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئوغرىلانغان توك سىمىنىڭ 3000 يۈەن قىممىتىدە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۇكىنىدىكى توك سىمىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال شىنتيەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېڭشى ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ساقچىلار نازارەت قىلىش ئاپپاراتىدا خاتىرىلەنگەن ۋىدىيونى كۆرۈش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق دېلو سادىر قىلغۇچىلارنى بېكىتكەن، دېلو بىجىرگۈچى ساقچىلار يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دېلو سادىر بولغان كۈنى چۈشتىن كېيىن لى فامىلىلىك بىلەن يۈ فامىلىلىكنى بىرلىكتە قولغا چۈشۈرگەن، ھەمدە قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە قاماپ قويغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بۇ دېلونى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى تاماملىغان، تەپتىش ئورگانلىرى لى فامىلىلىك بىلەن يۈ فامىلىلىكنى قنۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى مال مۈلكىنى ئوغرىلىغان، دېلو چېتىشلىق سومما يۇقىرى بولغاچقا ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ قارىغان، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قانۇن بويىچە جىنايەت گۇماندارلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved