1. زىققە. ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرسى زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، بۇ كېسەلنىڭ بالىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى %30 دىن %50 گىچە بولىدۇ. ناۋادا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىدا بۇ خىل كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %80 كە يېتىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالا ئانىسىنى ئېمىشى، ئۆيدە ئەرمەك ھايۋان باقماسلىق، بالىنى سىرتقا كۆپ چىقارماسلىق، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.
2. يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى. ئاتا-ئانىنىڭ بىرىدە بۇ كېسەللىك بولسا، بالىنىڭمۇ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50 بولىدۇ. ناۋادا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە بۇ خىل كېسەللىك بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭمۇ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %75 بولىدۇ. شۇڭا بالىنى داۋاملىق تەكشۈرتۈپ، تەركىبىدە شېكەر ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشىنى كونتىرول قىلىشى كېرەك، بالا بىر ياشقا كىرگەندى كېيىن ئۇنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.
3. سېمىزلىك. ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرسى زىيادە سېمىز بولسا، بالىنىڭمۇ سېمىز بولۇش نىسبىتى %40 ئەتراپىدا بولىدۇ، ناۋادا ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا سېمىز بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭمۇ سېمىز بولۇش نىسبىتى %70 دىن ئاشىدۇ، شۇڭا بالا كىچىك ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئاتا-ئانا ئۈلگە بولۇپ چېنىقىشى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.
4. دىيابىت. ئاتا-ئانىنىڭ بىرسىدە دىيابىت بار بولسا، بالىغا ئىرسىيەت قىلىش نىسبىتى %20 دىن %40 ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
5. يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلى. ئاتا-ئانىدا يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسلى بار بولسا، بالىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بالىنى دائىم كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved