نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى، نازىركوم قاتارلىقلار 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تورىنىڭ 3-دېكابىر ئېلان قىلغان «گوۋۇيۈەننىڭ 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى»غا ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى بېكىتكەن 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكى (جەمئىي 153 تۈر)نى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ قېتىم بېكىتىلگەن ھەمدە ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە شىنجاڭنىڭ 17 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بار ئىكەن.

  بۇ قېتىم بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، رايون كەڭ تارقالغان، «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» خىزمەت فاڭجىنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئىلمىي بولغان قوغداش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پىلان تۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش تەلەپ قىلىندى.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرى تىزىملىكىگە شىنجاڭدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ قۇم بىلەن داۋالاش، نازىركوم، كارىز قېزىش ھۈنەر-سەنئىتى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ خوتەن سەنىمى قاتارلىق تۈرلەر كىرگۈزۈلدى.



خەتكۈچلەر:
06-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek