ئالداپ كېتىلگەن قىز 12 يىلدىن كېيىن ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى

ئالداپ كېتىلگىنىگە 12 يىل بولغان قىز يەنيەن 3-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن شىئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ليەنخۇ تارماق ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئەترىتىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىش ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان يەنيەن ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاپقاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. يەنيەن ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن باققان ئاتا-ئانىسىنىمۇ داۋاملىق يوقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 


جامائەت خەۋپسىزلىكى ليەنخۇ تارماق ئىدارىسى ساقچىلىرى باشقا بىر ئالداپ سېتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقان. سوراق قىلىش جەريانىدا جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ xx قىزىنىڭ ئۆز قىزى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئالداپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتقان.


ۋاڭ xx نىڭ ساقچىلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە، 2004-يىل ئاخىرىدا ئۇ شىئەن شەھىرى بېيلىن رايونى بېيشاپو كەنتىدىكى بىر كۆكتات بازىرىنىڭ ھاجەتخانىسى ئالدىدا يەنيەننىڭ يالغۇز ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالداپ كەتكەن. كېيىن ۋاڭ xx يەنيەننى ئېلىپ يەنچاڭ ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، ئالدىنقى يولدىشى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن.

 

2005-يىل ئىيۇلدا ۋاڭ xx خۇڭمياۋپودىن يەنە بىر قىزنى ئالداپ كېلىپ، ئۇنىڭغا شياۋشى (ئەسلى ئىسمى چېڭ xx) دەپ ئىسىم قويغان. ۋاڭ xx ئالدىنقى يولدىشى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە كېلىشەلمەي، يەنيەننى ئېلىپ خۇاڭلىن ناھىيەسى ديەنتۇ بازىرىغا كېتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. 2008-يىل 20-ئىيۇلدا ۋاڭ xx چېڭ xx نى شىڭ xx، مېڭ xx ئەر-ئايالغا سېتىۋەتكەن. 2015-يىل 22-يانۋاردا ۋاڭ xx ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، چېڭ xx ساقچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

 


ۋاڭ xx تۇتۇلغاندا يەنيەن لوچۇەن ناھىيەسىدىكى بىر ساتراچخانىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئىكەن، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇنى شىئەنگە قايتۇرۇپ كەلگەن. قان تەكشۈرۈش، DNA تەكشۈرۈش قاتارلىق جەريانلاردىن كېيىن يەنيەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئاخىرى جەم بولغان.



خەتكۈچلەر:
04-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek