جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لو جىۋېي جۇڭگو تەرەپكە ۋاكالىتەن ‹‹ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى››نى ئىمزالىدى.
29-ئىيۇن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ 57 ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى بېيجىڭدا ‹‹ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى››نى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلاردا ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ‹‹ئاساسىي پىرىنسىپ››نىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لو جىۋېي جۇڭگو تەرەپكە ۋاكالىتەن ‹‹ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمى››نى ئىمزالىدى. كېلىشمدىكى بەلگىلەنگەن پىرىنسىپ بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگو 29 مىليارد 804 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي سوممىسى ۋە % 26.06 لىك بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بىلەن نۆۋەتتە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ 1-چوڭ پايچېكى ۋە بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ تۇرماقتا. ھىندىستان، رۇسىيە ئايرىم-ئايرىم 2-، 3-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سېتىۋالغان پاي ئومۇمىي سوممىسى ئايرىم-ئايرىم 8 مىليارد 367 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 6 مىليارد 536 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئىككى دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 7.5 ۋە % 5.92 بولغان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved