ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ھازىرغا قەدەر ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەرەپ ۋەقەدە 255 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بېكىتتى .كونكرېت ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا ئىمكانىيەت بولمىدى .4-ماي بىر كۈن قۇتقۇزۇش ئىزدەشتىن كېيىن ،قۇتقۇزۇش ؟خىزمىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى ،ئاخىر ئافغانىستان قۇتقۇزۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كېيىنكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى . 4-ماي قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلدى .
ئەمما ۋاقتى يۈزبەرگەن جاي يىراق تاغلىق رايون بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەھۋال ناچار بولغانلىقتىن چوڭ تىپتىكى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئاپەت رايونىغا كىرەلمىگەن .شۇنداقلا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى ،ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قازا قىلغان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ جەسىتىنى قېزىپ چىقىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى . ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن بىرى مۇنداق دېدى :‹ ئوغلۇم كۆمۈلۈپ قالغان ئىدى ،ئاران قۇتقۇزۇپ چىقتۇق ، 12 تۇغقىنىدىن ئايرىلىپ قالدىم ،ھۆكۈمەتنىڭ قازا قىلغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جەسىتىنى تېزدىن قېزىپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،.‹سىڭلىم ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسى كۆمۈلۈپ قالدى ،ئىنىمنىڭ ئۆيىمۇ پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى ›.
يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 2ماي ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ئىككى قېتىم تاغ گۆمۈرۈلگەن ،تۇنجى قېتىم تاغ گۆمۈرۈلگەندە ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاھالە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ، بىراق بەختكە قارشى ئىككىنچى قېتىم تاغ گۆمۈرۈلۈپ ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنى ئاشۇرۇۋەتكەن ، تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەرلىك ساقچى تەرەپ 700گە يېقىن ئائىلىلىكنى يەنى 4000دىن ئارتۇق يەرلىك ئاھالىنى جىدىي يۆتكىدى .قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى پەقەت كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئاپەت رايونىغا يەتكۈز بەرگىلى بولىدىغان بولغاچقا ، ھازىر پەقەت قىسمەن ئۇزۇق تۈلۈك ،سۇ ئەدىيال ،چېدىرلار ئاپەت رايونىغا توشۇپ كېلىندى .يارىلانغانلار ۋاقىتلىق ياسالغان شىپاخانىلارغا بېرىپ ئاددىيغىنە داۋالىنىۋاتىدۇ . ئاپەتكە ئۇچرىغان نۇرغۇن ئاھالىنىڭ ھەتتا ئەدىيال قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى يوق .ئۇلار ھەتتا ئوچۇقچىلىقتا يېتىپ ئۇخلاۋاتىدۇ .بىرەيلەن مۇنداق دېدى :‹ بالام ئاشلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى ،بىزنىڭ ھېچنىمىمىز قالمىدى .بىز قۇملۇقتا قالغاندەك بۇلۇپ قالدۇق ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved