بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىز مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق بولغان قولايلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. 7-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچى ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشتەك ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئېرىشكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇنجى قېتىم پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 23 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا چوڭ خەتلىك ئىمتىھان سۇئالى، ھازىرقى ئەمالار يېزىقى ئىمتىھان سۇئالى، ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىش، چەتئەل ( خەنزۇ ) تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىمتىھانىنى ئېلىپ تاشلاش، ئەڭ ئاۋۋال ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىش، تىڭشىغۇچ تاقاشقا يول قويۇش قاتارلىق قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved