جۇڭگو تورى 27-ماي خەۋىرى : ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 27-ماي ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۇۋەيت باش ۋەزىرى جەبىرنىڭ كېلەر ئايدا دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تونۇشتۇردى .
چىن گاڭنىڭ ئېيتىشىچە ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، كۇۋەيت باش ۋەزىرى جەبىر 2-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە دۆلىتىمىزدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن ھەمدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو–ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 6-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved