12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئەنچىڭ شەھرى، ئەنچىڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، تاۋ يۈلېي ۋە ساۋ جۈنچېن بولسا 2014-يىللىق ماشىنا لايىھىلەش-ياساش ھەمدە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىنىپىدىكى ئىككىلا قىز ئوقۇغۇچىدۇر. ئۇلارغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، سىنىپ باشلىقى ناھايىتى ئىجادچانلىققا ئىگە بولغان ئامالنى ئويلاپ چىققان.
سىنىپتىكى 55 نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچى ھەر بىرى قولىغا ئىككى تال ئەتىرگۈل كۆتۈرۈپ، قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى يولغا كەلگەن. ئۇلار تەخمىنەن ئىككى يۈز مېتىر ئۇزۇقلۇققا تىزىلىپ تۇرۇپ ئىككى قىز ساۋاقدىشىنىڭ ئىشىكتىن چىقىشىنى كۈتكەن.
ئىككى قىز بىر تەرەپتىن ماڭغاچ بىر تەرەپتىن گۈل يىغىپ ناھايىتى خۇشال بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved