20-دېكابىر سائەت 15 ئەتراپىدا بىر ئەر جىنايەت گۇماندارى بىر تاكسىنى بۇلىغان، ئايال تاكسى شوپۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن فۇياڭ ئالاھىدە ساقچى بىرىنچى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فڭ شىروڭ ئەپچىللىك بىلەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئايال تاكسى شوپۇرىنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇپ چىقتى. فاڭ شىروڭ جىنايەت گۇماندارىنى كونتىرول قىلغان ۋاقىتتا جىنايەت گۇماندارى ئۇنىڭ قولىغا پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان. شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى فۇياڭ ساقچى تەرەپتىن نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاللىقاچان كونتىرول قىلىنغانلىقى، بۇ دىلونىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى ئىگەللىگەن.
فاڭ شىروڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئايال تاكسى شوپۇرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بۇلانغان تاكسى شوپۇرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىككى قولىنى پاتىڭىغا قويۇپ، ئۆزلۈكىدىن تۇتقۇن قىلىنغۇچى بولغان. تۇتقۇن قىلىنغان ئايال تاكسى شوپۇرى خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان، بۇ جەرياندا جىنايەت گۇماندارى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ نەچچە يېرىگە پىچاق تىقىۋەتكەن، بەختكە يارىشا ئۇ تىغ ئۆتمەس كىيىم كىيىۋالغاچقا ئېغىر يارىلانمىغان، قولى يارىلانغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved