چاققان بولۇش ، ئىش قىلغاندا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ، ئەرلەر بەلكىم چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن ، ئەرلەرنىڭ ياخشى يامان بولىشىغا ئۇلارنىڭ كونكىرىت ئىشلىرىغا قاراپ باھا بېرىدۇ، ئەرلەر ئاياللارغا «سىزنى سۆيىمەن »دېسە، ئاياللارنىڭ «راستمۇ» دەپ سورىشىنىڭ سەۋەبى شۇ.
كەسكىن بولۇش ،بىرقىسىم ئاياللارنىڭ لىڭتاسمىلىقى دائىم ئەرلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، ئۇلار ئەرلىرى بىلەن بازار ئايلانغاندا ،بىر تال ئۈستەل ياپقۇچ ئۈچۈن بىرنەچچە سودا-ساراينى ئايلىنىپ ، ئۇنى –بۇنى تۇتۇپ مىڭ تەسلىكتە بىرىگە توختاپ ، ئاندىن سېتۋېلىش قارارىغا كېلىدۇ، ئەمما دۇكان ئىشىكىدىن چىقىپلا پۇشايمان قىلىدۇ، ئۇلار مۇشۇنداق پەيىتتە ئەرلىرىنىڭ كەسكىن قارار چىقىرىپ ، سودا چەمبىرىكىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشنى ياىشى كۆرىدۇھەمدە ئۈمىد قىلىدۇ ، شۇڭا ئەرلەر كەسكىن بولۇشى كېرەك.
كاللا ئىشلىتىش ، كىچىك سوۋغا ئارقىلىق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ماھىر بولۇش، مۇھەببەتتە ئۇدۇل يول بولمايدۇ، ئەمما ئەقىللىق ئەرلەر ئاز كۈچ سەرىپ قىلىپ ، كۆپ ئىش قىلالايدۇ، ئاياللارنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە مايىل قىلىش مەسلىسى ئەمەليەتتە ئاياللارنى قانداق قايىل قىلىش مەسلىسىدۇر، ئاياللارنى تەسىرلەندۈرۈشتە چوڭ، قىممەت نەرسىلەرگە ئېسلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئاددىي نەرسىلەرگە قالبىڭىزدىكى مۇھەببەت تەرمىلىرىڭىزنى مۇجەسسەملەپ ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلسىڭىز، ئاشۇ سوۋغا ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئۆمۈر مۆھۈردەك سارلىنىدۇ،
ئاياللارنى تولۇق چۈشنىۋېلىش كېرەك.
ئەگەر ئاياللار بىلىپ-بىلمەيلا ئۆزىنىڭ بەزى قىزىقىشلىرى ، ئالدىن بىكىتىپ قويغان ئىشلىرى ، ئىلگىرىكى تەجىربىلىرىنى ئېيتىپ سالسا ، ئەرلەر بۇنى ئوغىرلىقچە خاتىرلىۋېلىپ ، مۇۋاپىق پەيىتتە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويسا ، ئاياللار بىنىڭدىن ناھايىتى بەك تەسەرلىنىدۇ.
چۈنكى ئۇلار ئەرلەرنىڭ بۇنداق ئۇششاق –چۈششەك ئىشلارنى ئەستە تۇتالىشىغا ئانچە ئىغىنىپ كەتمەيدۇ.
ۋەدە بېرىش. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش .ئاياللارنىڭ ئارزۇسىدىكى ئەرلەر ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بولىشى كېرەك ،بۇ مۇھەببىتىگە ، ئائىلىسىگە ، كەلگۈسىگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ئەرلەرنىڭ لەۋزىدە تۇرۇش مەسلىسىدۇر، چۈنكى ئاياللارنىڭ نەزىرىدە ۋەدە ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش دەرىجىسىنىڭ سىمۋولى ، ئاياللار بەلكىم ئەزەلدىن ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى خىيال قىلىپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلەرنىڭ قەلبىدىكى مۇھىم ئورنىدىن ھەرگىز راز كەچمەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved