دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، 2015-يىلى 28-دېكابىرغىچە، جەمئىي 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شېنجېن شەھىرى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەپ، ئوتتۇرىچە %14 كۆپەيتكەن، مەملىكەت بويىچە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى شېنجېن شەھىرى بولۇپ، ئۆلچىمى 2030 يۈەنگە يەتكەن؛ سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى بېيجىڭ شەھىرى بولۇپ، 18 يۈەن يەتتە موغا يەتكەن.
گەرچە 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن جايلارنىڭ سانى يەنىلا بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە 19 جاي ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن. بىراق، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش يۈزلىنىشىدە يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىغان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشقا قاراپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىشى شۇنداقلا كارخانىلار بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئويلىشىپ، ئەڭ تۆۋەن مائاشنى مۇۋاپىق تەڭشىشىشى مۇمكىن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved