ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تەسلىم بولۇش سىرى

         ھەممىگە مەلۇم، 1945-يىلى 8-ماي گېرمانىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشى بىلەن ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدىكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىلىك تاماملاندى. لېكىن بېرلىندىن 2000 ئىنگلىز مىلى يىراقلىققا جايلاشقان شىمالى قۇتۇپتىكى 3-ئىمپېرىيە قاراۋۇلخانىسىدىكى 11 ئەسكەر ئاللىبۇرۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇپ كېتىلگەن دېدى. پەقەت 1945-يىلى 4-سېنتەبىرگە كەلگەندە ئۇلار تەسلىم بولغان، شۇڭا يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا دۇنيا ئۇرۇشى 1945-يىلى 4-سېنتەبىر رەسمى ئاياغلاشقان دېيىشكىمۇ بولاتتى. 60 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان بۇ سىر ھېلىمۇ ھايات گېرمانىيىلىك ئىككى ئەسكەر تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.


         11ئەسكەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى كىچىك ئارالغا بېرىشى

بۇ يىل 81ياشقا كىرگەن گېرمانىيىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەر سېكىنەيتنىڭ ئېيتىشىچە، 1944-يىلى يازدا گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مېتېئورولوگىيە پونكىتى قارلىق رايوندا مېتېئورولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان بولۇپ، سېكنەيت ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىزمەتكە تىزىملاتقان. 80 ياشلىق يەنە بىرى پېشقەدەم ئەسكەر كېزىربۇكت: ئەينى چاغدىكى بىلىدىغىنىمىز پەقەت ناھايىتى سوغۇق جايغا بارىدىغانلىقىمىز بولۇپ، ياش بولغاچقا تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش نىيىتىدە مەنمۇ بۇ خىزمەتكە قاتناشقان ئىدىم دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن 1944-يىلى سېنتەبىردە 11 ئەسكەر كاتىر بىلەن نورۋېگىيەنىڭ گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىكى ترومسون پورتىدىن گىرىنلاندىيەنىڭ شەرقىدىكى سىپىسبېرگېن تاقىم ئارىلىغا ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرلىرىنى توپلاش بولۇپ، بۇ ۋەزىپە ناھايىتى مەخپىي تۇتۇلغانلىقتىن رەسمىي نامى ياكى شەرتلىك بەلگىسى يوق ئىدى.


بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتقان ئەترەت

   گېرمانىيەلىك تارىخشۇناس، 2-دۇنيا ئۇرۇشى تەتقىقاتچىسى فرانسىس: 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا دائىر ھاۋارايى مەلۇماتىغا ئالدىن ئېرىشىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ناۋادا سىپىسبېرگېن ئارىلىدا ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بازىسى قۇرۇلس، شىمالى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن خەۋەردار بولغىلى بولاتتى، دېگەن. بۇ 11 ناتسىست ئەسكىر توپلىغان ھاۋارايى ئۇچۇرلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەممىسى مەخپىي شىفىر ئارقىلىق يۇقىرىغا يوللانغان. بۇ ئۇچۇرلار گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشلىرىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە زەربە بېرىشتە زور رول ئوينىغان. ئىتتىپاقداش ئارمىيە ناتسىستلارنىڭ بۇ «ھاۋارايىدىن مەلۇمات بەرگۈچىلىرى»نى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ تاپالمىغان.


يېگانە ئارالدا ئۇنتۇپ قېلىنغان ناتسىست ئەسكەرلەر

1945يىلى 8-ماي گېرمانىيە تەسلىم بولغان كۈنى بۇ ئەسكەرلەر قوماندانى ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان، قوماندان ئۇلاردىن پارتلاتقۇچ دورا مەخپىي ھۆججەتلىرىنى يوقىتىۋېتىش ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاۋارايى مەلۇماتىنى شقفىرسىز تارقىتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۋالالماي ئۇنتۇپ كېتىلگەن. كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە سىپىسبېرگېن ئارىلىدىكى بۇ ئەسكەرلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەخسۇس پاراخوت ئەۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ 11 ئەسكەر ئەڭ كېيىن تەسلىم بولغان گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بولۇپ قالغان.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
29-04-2016
    ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن كېلىدىغان چىشنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسىنىڭ جيەنپىڭ يېزىسى گۇاپياۋ كەنتىدىكى لو ۋېنتىڭ ئىسىملىك بىر كەنت ئاھالىسى ئۆزىنىڭ ئېتىزىدىن پى...
29-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىسپانىيەلىك ئىشچىلار مەزكۇر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا يەر ئاستى توربا يولىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا قەدىمقى رىم دەۋرىدىكى 19 دانە كومزەكنى بايقىغان بولۇپ، بۇ كومزەكلەرنىڭ ئىچى...
29-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ئاپرېل، ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرى شەھەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2769 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ، يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش مەيدانىدا قەدىمكى رىمنىڭ ئېلىشىش كۆرۈنۈشىنى قايتىدىن نامايەن قىلدى. ھەتتا «...
27-04-2016
    يەتتە ئۆلكىدىكى داڭلىق مۇزېيلاردىن كەلتۈرۈلگەن 226 دانە نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى 26-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 2-قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا ئېلىپ كېلىنىپ، «ساندۇق ئېچىپ، بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇش...
26-04-2016
     1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان پىئارل خاربور پورتىغا ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قوزغىدى، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئارالدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرى زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىد...
25-04-2016
24-ئاپرېل، «خۇاڭگۇاڭجياۋ 1-نومۇر» ناملىق چۆكۈپ كەتكەن كېمە خارابىلىكىدىن سۈزۈۋېلىنغان تاش ھەيكەل قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى. شۇ كۈنى، «ۋېنخەي ___ خۇاگۇاڭجياۋ 1-نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» نەنجىڭ مۇزېيىدا باشلاندى، يۈزدىن...
25-04-2016
    مۇسسۇلىن، تولۇق ئىسمى Benito Mussolini، ئۇ 1883-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىتالىيىنىڭ فېررارا ئۆلكىسىدىن، ئىتالىيە فاشىست پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى...
25-04-2016
     خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 24-ئاپرېل، نېپالنىڭ كاتماندودا نېپال زۇڭلىسى ئولى داراخارا مۇنارى خارابىلىكىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، نېپالدا يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2015-يىلى ...
Powered by Leglek