بېيجىڭ ۋاقتى 14-يانۋار خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى FIFA ئىنتىزام كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەن پۇتبولچىلارنى كىرگۈزۈش تەرەپتە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان خان مادرىت بىلەن مادرىت رېقابەت كۇلۇبىنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. FIFA نىڭ بىلدۈرىشىچە، 2016-يىلى يازلىق توپچى كىرگۈزۈش كۆزنىكى ۋە 2017-يىلى قىشلىق توپچى كىرگۈزۈش كۆزنىكىدە بۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ توپچىلارنى كىرگۈزىشى چەكلىنىدىكەن.
FIFA :«بۇ ئىككى كۇلۇب خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ نۇرغۇن قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، مەسىلەن قۇرامىغا يەتمىگەن توپچىلارنى كىرگۈزۈش، يەنە كۆپلىگەن توپچىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى»، دېگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىملىق چەكلەش قىشلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى كۇلۇب مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە كىرگۈزىدىغان توپچىلىرىنى كىرگۈزىۋالسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە، باشقا كۇلۇبلار ئۇنىغان ئەھۋال ئاستىدا.
بۇندىن بۇرۇن بارسىلونامۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ئىككى يۆتكىلىش كۆزنىكىدە توپچىلارنى كىرگۈزەلمىگەن، گەرچە كىرگۈزسىمۇ، لېكىن مەيدانغا چۈشۈرەلمىگەن، ھازىر ئۇلارنى چەكلەش بۇيرىقى ئاخىرلاشتى، لېكىن بارسىلونانىڭ «يېقىن دوستى» خان مادرىت بىلەن مادرىت رېقابەت جازالىنىشقا باشلىدى.
ئېگەللىنىشىچە، جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىلەرگە چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن توپچىلار 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن كۇلۇبقا قايتالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە خان مادرىتنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇلى زىدانىنىڭ ئىككىنجى ئوغلى لۇكا زىدانىمۇ بار.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved