ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل مارتتا قانۇنسىز تىجارەت قىلمىشلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقان قارا تاكسىلارغا يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسى 2-مارت 25 خادىمدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئەترىتىنى بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونى، مىچۇەن-كۆكتاغ رايونىغا ئەۋەتىپ، قارا تاكسىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. تەكشۈرۈش خادىملىرى شۇ كۈنى قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقان قارا تاكسىدىن 23 نى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالغان ھەم بۇ تاكسىلارغا 30 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە قويغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved