شىنلاڭ تورى ساغلاملىق مۇنبىرى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .چىش ساغلاملىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ، ھەر خىل چىش كېسەللىكلىىرى تۇرمۇش ۋە خىزمەت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى .بۇنىڭدىن سىىرىت يەنە مەيلى خانىم قىزلىرىمىز بولسۇن ۋە ياكى ئەرلەر بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك چىشىنىڭ ئاق پارقىراق بۇلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ .چىش ساغلاملىقى ۋە ئاقلىقى بەكمۇ مۇھىم ، چۈنكى ساغلام چىش بولغاندا ، ئىسىل تائاملاردىن ياخشى بەھىرلىنەلەيمىز ، چىشىمىز ئاق رەتلىك بولسا ،ئىناۋاتىمىز بولدۇ . ئاق پاكىز چىش مەدىنيەتنىڭ بەلگىسى ، پاكىز بولمىغان چىشلاردىن بەد بۇي پۇراق چىقىپ يېنىڭىزدىكى ئادەمنى بەكمۇ بىزار قىلىدۇ ، چىشىڭىزنى ئاسىرمىغاندا ، پاكىز تۇتمىغاندا بەزى رەت قىلىشلارغا ئۇچۇرشىڭىزمۇ مۈمكىن ، بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ.
مۇھىم يۈ تۇرانە ئىمتىھان ۋە ئۇچرىشىشلارغا يولۇققاندا، چىشىمىزنىڭ ئەھۋالى بىز ئويلىغاندەك ياخشى بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن،چىش ئاسراش گۈزەللەشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى دوختۇر . Marc Lowenberg بىزگە 5 مىنۇتتىلا چىشنى تېز سۈرئەتتە ئاقارتقىلى بولىدىغان ئالتە خىل چارىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ،بۇلار بولسا يەنى :ئاچچىقسۇ بىلەن چىش چوتكىلاش:ئالما ئاچچىقسۈيى بىلەن سۇدانى ئارىلاشتۇرۇپ، ئوماچ ھالەتكە ئەكىلىپ، چىش چوتكىلىسا شۇ ھامان ئۈنۈمى كۆرىلىدىكەن. ئاچچىقسۇ ۋە سۇدانىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ سۇيۇق ھالەتكە ئەكىلىپ، كۈندە چىشنى چايقاپ بەرسىمۇ چىشتىكى داغلارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدىكەن.
بىر دانە ئالما يېيىش:ئالما يېيىش ئارقىلىق مېۋە ئېتىدىكى ئىنچىكە تالالار چىش ئارىسىدا چاينىلىپ، چىش ۋە ئېغىز بوشلۇقىدىكى مېكروپ ۋە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا چىش سىرتىدىكى داغلارنىمۇ پاكىزلىغىلى بولىدۇ .ئاپلېسىن پوستى بىلەن چىشنى سۈرتۈش ۋە يۇيۇش:يېڭى سويۇلغان ئاپلېسىن پوستىنىڭ ئىچى تەرىپى بىلەن چىشنى سۈرتۈپ يۇغاندا، چىشنى ئاق ھەم پاكىزە قىلغىلى بولىدىكەن.گىرىم قىلىش ئارقىلىق چىشنى نامايەن قىلىش:بەزى قىزلار ئۇچرىشىشقا چىققاندا يۈزىگە ئاقارتىش مايلىرىنى زىيادە كۆپ سۈرتىۋېلىپ، چىشىنى سېرىق كۆرسۈتۈپ قويىدۇ. چىشنى پاكىز چوتكىلاپ يۈزگە تەبئىي رەڭدىكى داغ يوشۇرۇش گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە، چىشنىڭ رەڭگىنى تېخىمۇ ئاق كۆرسەتكىلى بولىدىكەن.
مەخسۇس ئىشلەنگەن چىش گۈزەللەشتۈرۈش چىش پاستىسى ئىشلىتىش:چىش دوختۇرلىرى ۋە تىببىي تەتقىقات ئورگانلىرى ئىشلەپچىقارغان چىش ئاقارتىش چىش پاستىلىرى، چىشىمىزنىڭ ئاق پاقىراق بولىشىغا شۇنداقلا ساغلام بولىشىغا ياردەم قىلالايدۇ. جياجېشى 3D ئىككى سائەت ئىچىدە چىش ئاقارتىش چىش پاستىسى ۋە Luster ماركىلىق چىش پاستىسى تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.پېنسىلىن ئىشلەتكەندە، چىشنىڭ رەڭ ماتېرىيالى ئارقىلىق رەڭ ئۆزگۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ:
قىزىل ھاراق، قەھۋە، شاكىلات ياكى لەۋ سۇرۇخ قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىستىمال قىلغاندا ياكى ئىشلەتكەندە چىشنىڭ رەڭگىنى ئاسانلا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا چىشىڭىزغا بىر قەۋەت پېنسىلىن سۈرتۈش ئارقىلىق چىشىڭىزنىڭ ئاق ۋە پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قالالايسىز!
ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ئاچچىقسۇنى ئېغىزغا ئېلىپ بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن تۈكۈرۈۋېتىپ ، چىشنى چۇتكىلاپ بەرگەندە ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. لېكىن چىشىڭىز چۈچۈمەل تەمدىن قاماپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇ خىل سېزىم ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ . بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى ، بۇ خىل ئۇسۇلنى داۋاملىق قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئىشلەتسىڭىز كۇپايە. بۇ ئۇسۇل يەنە ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.ئاپېلسىن پوستىنى قۇرۇتۇپ ، ئېزىپ ئۇندەك قىلىپ ، چىش پاستىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ چىش چوتكىلىسىمۇ چىشنى تېز ئاقارتقىلى بولىدۇ.
چىش چوتكىلىغاندا چىش چوتكىسىغا ئازراق خېمىرتۇرۇچ پاراشۇكىنى سېپىپ چوتكىلىسا چىشنى تېز ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
چىش چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن لىمۇن سۈيى بىلەن چىشىڭىزنى سۈرتىسىڭىزمۇ چىشنى ئاقارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.خام يەر ياڭىقىنى چايناپ ، يۇتۇۋەتمەي ، ئۇۋاقلىرىنى چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ چىش ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
سىياھ بېلىقنىڭ ئۇستىخىنىنى ئېزىپ چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ ( سىياھ بېلىقنىڭ بەدىنىدە بىر چوڭ ئۇستىغان بولۇپ ، ئاق رەڭدە كېلىدۇ، ئۇنى قىرىپ پاراشۇك ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ چىشنى تېز ئاقارتىدۇ).يېمەكلىك سوداسى بىلەن چىشنى تازىلاش. چىش چوتكىسىغا ئازراق يېمەكلىك سوداسى سېپىپ چىشنى چوتكىلاپ بەرسە ھەمدە بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەپتىدە بىردىن ئىككى قىتىمغىچە ، ھەر قېتىمدا ئۈچ مىنۇت داۋاملاشتۇرسا ، چىشنى پاكىز تازىلاپ ، پارقىرىتىدۇ.
چىش پاستىسىنى چوتكا ئۈستىگە سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن يەنە ئازراق تۇزغا مىلەپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرسا ، بىر ھەپتىدىلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ھازىر تۈرلۈك چىش كېسەللىكلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى ،مەسلەن چىش مىلىكى قاناش ، چىش چىرىش قاتارلىقلار .
چىشنىڭ چىرىشى كۆپىنچە چىشنىڭ ئويمىنى، ئېرىقچىسى ۋە ئىككى قوشنا چىشنىڭ يۈزى قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ. دەسلىپىدە بۇ ئورۇنلار ئاق رەڭدە بولۇپ كېيىن تەدرىجىي سارغۇچ قوڭۇر، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ يۇمشاپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا زونت (تەكشۈرۈش سىمى) بىلەن تەكشۈرۈپ باقساق كىچىك ھەم تېيىز تۆشۈكچىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز، بۇ ۋاقىتتا تېخى روشەن ئالامەتلىرى بولمايدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىتىلسا تۆشۈكچە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىرىگەن تۆشۈك كېڭىيىپ چىش ماددىسىغا يېتىپ بارغاندا سوغۇق، ئىسسىق، چۈچۈمەل ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ. چىرىگەن تۆشۈك چىشنىڭ يىلىك بوشلۇقىغا يېتىپ بارغاندا يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرى چىشنىڭ يىلىك بوشلۇقىدىكى نېرۋىلارنى غىدىقلايدۇ- دە، بۇنىڭ بىلەن چىش تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەتتا چىش مىلىكى ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
چىشنىڭ چىرىشى پۈتۈن بەدەننىڭ ئوزۇقلىنىشىنى شۇ ئادەمنىڭ تەن ساپاسى، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىغا دىققەت قىلمىسا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر چىشنىڭ يۈزى ۋە چىشنىڭ يوچۇقلىرىدا ساقلىنىپ قالغان يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئېچىتىپ كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. چىشنىڭ ئېمال ماددىسى كىسلاتانىڭ چىرىتىشى بىلەن يۇمشاپ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ھەتتا كەمتۈكلىشىپ تۆشۈكچە پەيدا بولىدۇ. چىش ئېمال ماددىسىنىڭ تەركىبىدىكى فتور مىقدارىنىڭ ئاز- كۆپ بولىشىمۇ چىشنىڭ چىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان فتور مىقدارى ئاز بولسا چىش ئېمال ماددىسىنىڭ تەركىبىدىكى فتورنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، چىش ئاسان چىرىيدۇ.
چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرگەندىن سىرت، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. يەنى ئەتىگەندە- كەچتە چىشىنى چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىزنى چايقاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ھەمدە يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئېچىتىپ كىسلاتاغا ئايلاندۇرىدىغان باكتېرىيەلەرنى ئازايتىش كېرەك. كىشىلەر چىشىنى بىر قېتىم چوتكىلىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى %70 باكتېرىيە ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى سىتاتىستىكىلاپ چىققان.
چىشنى چوتكىلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۈستۈنكى چىشلارنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ چوتكىلاش، ئاستىدىكى چىشلارنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ چوتكىلاش، چايناش يۈزىنى بولسا پاراللېل ھالدا ئالدى- ئارقىسىغا چوتكىلاش كېرەك. قەنت ئاساسلىق چىرىتكۈچى يېمەكلىك بولغاچقا قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كونترول قىلىش، كەمپۈت ۋە پېچىنە- پىرەنىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىككە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. تەركىبىدە فتورىدلار بولغان ئېرىتمىلەر ياكى چىش پاستىسى بىلەن ئېغىزنى چايقاش، چىشىنى چوتكىلاش ئارقىلىقمۇ چىش چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چىش چىرىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەم دوختۇرغا بۇرۇنراق كۆرۈنۈپ داۋالىتىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved