ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ يەمەندىن ئايرىلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 4-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەننىڭ سابىق ئاغدۇرلغان پرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ روسىيەدىن دىپلوماتىك خادىملارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئايرۇپىلان بىلەن يەمەندىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن، سابىق پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ ، روسىيە تەرەپتىن دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىر ئايرۇپىلان بىلەن دۆلەتتىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ياسىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «شەرقۇل ئەۋسەت» ئوتتۇرا شەرق گېزىتىگە سۆز قىلىپ، «سابىق پرېزىدېنت سالىھنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن سەنئا ئايرۇدرومىغا كەلگەن روسىيە ئايرۇپىلانى بىلەن دۆلەتتىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە بىزگە خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دېدى. ياسىن، يۇقارقى ئايرۇپىلاننىڭ قاھىرە ئايرۇدرومىدىن كەلگەنلىكى ۋە يەمەن ھاۋا دائىرىسىگە كىرىش ئۈچۈن «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتىگە قاتناشقان قىسىملاردىن رۇخسەت سورىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئايرۇپىلاننىڭ قوزغىلىشىدا 12 سائەت كېچىكىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياسىن يەنە، «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتى ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئايرۇپىلانلارنىڭ ، ھۇسىيلەر ۋە سالىھنى قوللىغۇچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان قورال-ياراغ ئامبارلىرىنىڭ تەخمىنەن يۈزدە 85% نى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
يەمەندىكى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ باشچىلىقىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيىسىنىڭ ياردەمچى باشلىقى ئەھمەد ئۇبەيد ئىبنى داگارنىڭ پارتىيەدىن ئايرىلىپ ئوممان پادىشاھلىقىغا قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئىبنى داگارغا يېقىن دائىرلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىبنى داگارنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى سارفىت چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ ئوممان پادىشاھلىقىغا يىتىپ بارغانلىقى، ئۇنىڭ پارتىيەدىن ئايرىلىپ ئوممانغا كېتىشىگە، سالىھنىڭ «قانۇنلۇق ھۆكۈمەت» كە قارشى ھۇسىيلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



05-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek