ئۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى باغرى كەڭ ، سېخىي ماكان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناتونۇش شەھەرلەردە تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتقان شىنجاڭلىقلار .
مەن ئەخمەتجان ئابدۇرېھىم ، ئۇيغۇر ، 36 ياش . مەن 2000-يىلى بېيجىڭغا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇش كەلدىم ، باكلاۋورلۇق ۋە ئاسپىرانتلىقنى جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا تاماملىدىم ، ھۆكۈمەت راسخوتى بىلەن گېرمانىيەدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇدۇم ، ھازىر بېيجىڭدىكى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە چارلاش-ئېچىش تەتقىقات ئورنى چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيمەن .
مەن شې يائېر ، خەنزۇ ، ھازىر بېيجىڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتناش رادىيوسى ‹‹1039 ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر››، ‹‹قاتناش خەۋەرلىرى ›› پىروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى .
مەن ھەسەنجان مۇھەممەت ، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 32 ياش . مەن 2006-يىلى جۇڭگو گىئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ ، ھازىر بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونى شىدۇ بازىرىنىڭ تۈر خىزمەتلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن .
مەن بايېرتا ، موڭغۇل ، بۇ يىل 30 ياش . مەن ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى موڭغۇل ئىپتىدائىي مۇزىكا ئەترىتىنىڭ گېتتارچىسى ئىدىم ، 2011-يىلى مۇزىكا ئەترىتىمىز سىچۈەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو زاڭزۇچە ناخشا مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتىم .
مەن كەيبو ، خۇيزۇ ، بۇ يىل 30 ياش . مەن ھازىر بېيجىڭ UMC بىرلەشمە تاراتقۇسىنىڭ رىياسەتچىسى ، مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم داڭلىق رىياسەتچى بولۇش ، ئاندىن ئاتا-ئانامنى بېيجىڭغا ئەكىلىپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش .
مەن مۇھەممەتبېك دىلكار . تاجىك ، بۇ يىل 24 ياش . مەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن . 2012-يىلى مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى بىر شىركەتتە ئىشلىدىم .ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا چوڭلار مائارىپىدا ئوقۇۋاتىمەن .
مەن نەفىسە ئەخمەت ، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 35 ياش . مەن 2008-يىلى خۇادوڭ سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ، شاڭخەي جىندۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىدا ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىدىم . ھازىر ئامېرىكا ئەيمول ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتىمەن .
مەن پەرھات ئالىمجان ، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 27 ياش . مەن 2008-يىلى جۇڭگو ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ، كېيىن دوستلۇرۇم بىلەن مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇپ ، نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويدۇم .
مەن روشەنگۈل ئەلى ، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 25 ياش ، بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقىنىمغا 10 يىل بولدى . مەن سانجى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىنى پۈتكۈزۈپ ، 2005-يىلى بېيجىڭغا كەلدىم ، شۇنىڭدىن بۇيان مەن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالدىم . مەن بۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن .
مەن توختىخان مەمەت ، ئۇيغۇر ، بۇ يىل 42 ياش . يولدىشىم ئىككىمىز 15 يىل ئىلگىرى ئىشتىن قالدۇق . بېيجىڭغا كەلگىنىمىزگە 15 يىل بولدى . ھازىر ئۈچ بالىمىز بار . بىز بالىلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىۋاتىمىز .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved