يەر شارى خەۋەر تورى 2-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئۆكتىچى كۈچلەر ئىتتىپاقى بولغان «فەتىھ ئارميسى» نىڭ سۇرىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى ئىدلىب رايۇنىنى كونترول قىلغانندىن كېيىن رايۇندا ھايات كەچۈرۈش نورماللاشتى.
فەتىھ ئارمىيسى قىسىملىرى 28-مارت جۈمە كۈنى بىرلەشمە گۇرۇپپىلار بىلەن رايۇننىڭ كونتروللىقىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن سىرىتقا چىققانلىقى، بازار ئورۇنلىرىدا سودا-سېتىق قىلىنغانلىقى كۆزگە كۆرۈندى.
ئىدلىب ئاھالىسى بولغان ئەبۇ ھازالە مۇخبرىغا سۆز قىلىپ، «رايۇننىڭ ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قولىدىكى ۋاقىتتا شەھەر خەلقى ئۈستىدىكى بېسىملارنىڭ كۆپەيگەنلىكى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى» ئېيتتى. ئەبۇ ھازالە رايۇندىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، «بېنزىن، گاز قاتارلىق ئاساسلىق نەرسىلەر ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى، خەلقنىڭ ھېچنىمىسى يوق ئىدى. ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىدىن رايۇننى قۇتقۇزغاندىن كېيىن بېنزىن ۋە گازنى مۇۋاپىق باھادا خەلقكە سېتىپ بەردى» دېدى.
رايۇن مەركىزىدىكى مىۋە ساتقۇچى ئەبۇ ئادىل، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ پۇل بەرمەستىن نەرسە-كىرەكلەرنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن قورقۇپ سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆكتات سېتىپ ھاياتىنى قامداۋاتقان ئەبۇ رىزۋان، بېنزىن سېتىۋالغىلى بارغاندا ئەسەد قىسىملىرىغا پارا بېرىشكە مەجبۇر ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا بېنزىن سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ مۇنداق دېدى؛«بىز ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ھامان ئۇلار بىزنى تېرورچى دەيدۇ، بىز تېرورچى ئەمەس، بىز ئادەتتىكى پۇقرا، مىنىڭ بوۋام، دادام بۇ بازاردا جان بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، ھازىر مەنمۇ بۇ بازاردا ياشاۋاتىمەن، ئەسەد ھۆكۈمىتى بىزنى قىيىن بىر شارائىتتا قويغان ئىدى. ئۆكتىچى قىسىملار رايۇندىن ئەسەد قىسىملىرىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن رايۇندا خەلقنىڭ گېپى گەپ بولدى» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved