شۇ يەر ۋاقتى 12-نويابىر كورد ئاپتونوم رايونىنىڭ قوراللىقلىرى ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى «خەلقئارا ئىتتىپاق» نىڭ ھاۋا ياردىمى ئاستىدا «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ سىنجارنىڭ ئەتراپىغا ئورناتقان مۇداپىئە لىنىيەسىنى بۆسۈپ تاشلىدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 2-دېكابىر تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات شۇ يەر ۋاقتى 1-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئىراققا ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.
كات مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالاھىدە قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىراق ۋە كۇرد قوراللىقلىرىغا ياردەم بېرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇ ئالاھىدە قىسىم ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ۋە «شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىكەن.
«شام ئىسلام دۆلىتى» 2014-يىلى يازدا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىگىلىۋالغان. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 65 دۆلەت ئىتتىپاقلىشىپ، ئىراق ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەتتە «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان.
كات 2-دېكابىر ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى قوراللىق قىسىم كومىتېتىدا سۆز قىلغاندا يۇقىرىقى باياناتنى ئېلان قىلغان. بىراق، ئۇ ئەۋەتىلىدىغان ئادەم سانىنى ئېيتمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved