پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 بولغاندا بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى ساھىبخانى ئاۋستىرالىيە كوماندىسى بىلەن كورىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش جېڭىنى باشلىدى. ئاخىرىدا ئاۋستىرالىيە كوماندىسىدىن رۇنگونىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن كىرگۈزگەن بىر توپى ۋە ۋاقىت قۇشۇلغان مۇسابىقىدە تىرۇيىسنىڭ كىرگۈزگەن بىر توپى بىلەن كورىيە كوماندىسىنى 2-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا ھەر ئىككى تەرەپ ناھايىتى تىرىشتى. بىراق بىرەر توپ كىرمىدى. ئالدىنقى يېرىم مەۇدان ئاخىرلىشىشقا بىر مىنۇت قالغاندا يەنى 44 مىنۇت بولغاندا ئاۋستىرالىيە كوماندىسى ئاخىرى بىر توپ كىرگۈزدى. رۇنگۇ چەكلەنگەن رايۇننىڭ چوڭ سىزىقى يېنىدىكى ياي بېشىدىن پاس ئېلىپ ۋاراتارغا تەپتى. توپ ئۆلۈك بۇلۇڭغا كىردى. بۇ ھەم كورىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە كەتكۈزگەن تۇنجى توپى. ئاۋستىرالىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
90 مىنۇتلۇق رەسمىي مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ مۇسابىقە قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنىڭ كەينى مەيدانىدا خاتالىق كۆرۈلدى، سۈن شىڭمىن چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ توپنى كىرگۈزدى! نەتىجە 1-1 تەڭلىشىپ قالدى. ئاخىرىدا مۇسابىقە ۋاقىت قۇشۇلغان مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرىدىغان ئادەم سانى ئۈچكە يېتىپ قالغاچقا ھەر ئىككى كوماندىنىڭ بەدەن كۈچى تەسىرگە ئۇچرىغانىدى.
105 مىنۇت بولغاندا ئاۋستىرالىيە يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. تىرۇيىس ئوتتۇرا يولدىن ئەگىشىپ كېلىپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. ئاۋستىرالىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم كورىيە كوماندىسىدىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
ئاخىرىدا كورىيە كوماندىسى نومۇرنى تەڭلەشتۈرەلمىدى. ئاۋستىرالىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى. دېمەك دۆلىتىمىز پۇتبول كوماندىسى ئەڭ ئاخىردىكى چېمپىيۇن تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن بولدى.
ئاۋستىرالىيە كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-نومۇر رۇين
2-نومۇر فىرانگىچ ( 78 مىنۇت بولغاندا 17-نومۇرلۇق ماركى بىلەن ئالماشتى).
6-نومۇر سىپرانوۋىچ.
20-نومۇر سىنسىپورى.
3-نومۇر دارۋىسىن.
15-نومۇر ئىدناك.
5-نومۇر مىرگان.
21-نومۇر رۇنگو.
10-نومۇر كىرۇيىس ( 71 مىنۇت بولغاندا 14-نومۇرلۇق تىرۇيىس بىلەن ئالماشتى).
7-نومۇر راجى.
4-نومۇر چاخىل ( 63-مىنۇت بولغاندا 9-نومۇرلۇق يۇلىك بىكەن ئالماشتى.)
كورىيە كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
23-نومۇر كىم جېنشىيەن
3-نومۇر كىم جېنجۇ
19-نومۇر كىم يوڭۋون
5-نومۇر گو تەيخۇي
22-نومۇر چې دۇلى
16-نومۇر چى چېڭيوڭ.
20-نومۇر جاڭ شىيەنشىيۇ
6-نومۇر پۇ جۇخاۋ ( 71 مىنۇت بولغاندا 14-نومۇرلۇق خەن گوروڭ بىلەن ئالماشتى ).
10-نومۇر نام تايشى ( 63 مىنۇت بولغاندا 11-نومۇرلۇق لى گېنخو ئورنىغا چىقتى.)
7-نومۇر سۇن شىڭمىن.
18-نومۇر لى تىڭشىيې ( 88 مىنۇت بولغاندا 4-نومۇرلۇق كىم جويوڭ ئورنىغا چىقتى.)
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved