يۈسۈپجان ياسىن
ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىدا مەۋجۇتلىقىنى قوغداش ۋە تەرققىيات ئىھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرى قەتئىي ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان بىر قاتار تەرتىپ , نورما — ئۆلچەم، قىممەت ھۆكۈملىرى، ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە پرىنسىپلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىز بۇ سىستېمىنى ئەخلاق دەپ ئاتايمىز.
بۇ سىسىتېما ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا «ياخشى»ياكى «توغرا» دەپ قارالغان تەرەپنى ھاياتقا پرىنسىپ قىلىش, «يامان» ياكى «خاتا» دەپ قارالغان تەرەپنى چەتكە تىپىش شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان «ياخشى» ياكى «توغرا» تەرەپ ئەخلاقنى، «يامان» ياكى «خاتا» تەرەپ ئەخلاقسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. مۇقەددەس كىتاپلاردا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى ھېساپلانغان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋا ئانىنىڭ چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ قويۇپ يەر يۈزىگە ھەيدىلىش ئارقىلىق ، « ياخشى » ۋە « يامان» بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقى بۈگۈنكى كۈندە بىز« ئەخلاق »دەپ ئاتاۋاتقان تېمىنى ئاددى قىلىپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا, بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلارنىڭ بىر بىرىنىڭ كۆإڭلىنى ئاغرىتماستىن، بىر بىرىگە زىيان يەتكۈزمەستىن، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن تولۇق پايدىلانغىدەك شەكىلدە ئۆز ھەرىكىتىنى رەتكە سېلىشىقا يارايدىغان پرىنسىپلىرىنىڭ توپلىمى ئەخلاقنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئەخلاق ئىنساننىڭ ھەرىكەتلىرىنى رەتكە سالىدىغان ، چەكلەپ تۇرىدىغان ۋە بۇ ھەرىكەتلەر ئإزىگىمۇ ،ئەتراپتىكىلەرگىمۇ پايدا يەتكۈزىدىغان،ئۆزىنىمۇ ،ئەتراپتىكىلەرنىمۇ خۇشال قىلىدىغان ، كىشىنى ئەتراپىغا ھېچقانداق بىر زىيان يەتكۈزمەستىن باشقىلار بىلەن ماسلاشتۇرىغان قائىدىدىن ئىبارەت. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،ئەخلاق ھەركىم باشقىلارنى ئۆزىدەك كۆرۈش، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش،باشقىلارنىڭ خوشاللىقىدىن شاتلىنىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت.
قىسقىسى، ئەخلاق ئەقىلگە، قەلپكە، ئىختىيارلىققا تايانغان يېزىقسىز قانۇن. ئۇ مۇناسىۋەت پرىنسىپى ۋە ياشاش پرىنسىپى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەخلاقنىڭ شەكىللىنىشى ئىرق، تۇيغۇ، ئىتىقاد، ھايات تەجرىبىلىرى، دۇنيا قاراش ۋە تەربىيە قاتارلىق ئامىللارغا تايىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىرق بىلەن تۇيغۇنىڭ رولى ھەممىدىن زور . شۇ ۋەجىدىن ئەخلاق مىللىيلىككە ئىگە بولىدۇ ،تۈرلۈك مىللەتلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن,ئىرقنىڭ بوزۇلسا ئەخلاق ۋەيران بولغىنىدەك, تۇيغۇنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن بىر مىللەت گۈزەللىك دەپ قارىغان نەرسىنى ئىككىنجى بىر مىللەت رەزىللىك،دەپ چۈشىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئەخلاق « تۆرە » ۋە «ئەردەم » دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلىنغان. تۆرە «ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە سالغۇچى نورمىلارنىڭ تامامى»، « ئەجداتلاردىن قالغان پۈتكۈل قائىدىلەرنىڭ توپلىمى»،دەپ قارالغان.ئۇنىڭ يەنە « قانۇن » دېگەن مەنىسىمۇ بولغان. ئەردەم سۆزى يەنە «قابىلىيەت» ،«كۈچ » دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىككى ئاتالغۇدا ئىپادىلەنگەن مەنىدىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۇقۇمىنىڭ ،ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ۋە رولى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ۋە تەتقىقاتىنىڭ ھەر زاماندىكى دەۋرداشلىرىنىڭكىدىن كۈچلۈك بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا ئىستىمال قىلىنىۋاتقان « ئەخلاق » سۆزى قاراخانىيلار دەۋرىدىن كېيىن ئەرەپ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ،ئۇ « خۇي»، « مىجەز »، «قىلىق»،«خۇلۇق » ۋە « خاراكتېر » دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. سۆز مەنىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەخلاق ئاتالغۇسىدا «بىر كىشىنىڭ خاراكتېرى» دېگەن ئۇقۇم چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ماھىيەت جەھەتتىن بۇ ئاتالغۇنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋردىكىگە ئوخشاش جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ۋە تۇرمۇشنى رەتكە سالغۇچى قانۇن ، مىللەتنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ،مىللەتنى سىرتقى تەھلىكىدىن قوغدىغۇچى كۈچ ، دەپ چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئەخلاق شەرتسىز، مۇنازىرىسىز ۋە ئىلمىي دەلىلسىز ھالدا بويسۇنۇش شەرت بولغان كەسكىن ھۆكۈملەر بىرلىكىدۇر.
قەدىمدە ئۇيغۇرلار ئەخلاقنى «كەسكىن ھۆكۈملەر بىرلىكى» دېگەن مەنىدە «كۆل تۆرە» دەپ ئاتىغان. تۈركىي تىلدىكى بۇ سۆز ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن فرانسۇزلارغا، فرانسۇزلاردىن ئىنگلىزلارغا ئۆتكەن. ئۇلار بۇ سۆزدە ئىپادىلىنىۋاتقان ئۇقۇمقا قاراپ، ئۇنى «مەدەنىيەت»(بولۇپمۇ مىللىي مەدەنىيەت) دېگەن مەنىدە چۈشەنگەن ۋە «كۈلتۈر» دېگەن سۆزنى ياساپ چىققان. دېمەك، غەرپلىكلەر نەزىرىدىكى «مەدەنىيەت» بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ، ياكى بىز ئەخلاق دەۋاتقان نەرسە غەرپلىكلەر نەزىرىدىكى مەدەنىيەتتۇر.
مەلۇمكى، بىر كىشىنىڭ مۇكەممەل بىر ئىنسانغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىلىم ،تالانت ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە ئەڭ زۆرۈر قورال ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەخلاقنىڭ رولى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئىرادىسى پەقەت ئەخلاققا تايانغاندىلا بىر ئىدىئالغا ئايلىنىدۇ، ئۇ تەرەققىي قىلسا مىللەتنىڭ ئىدىئولوگىيىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ دۇنيادا غايەت زور ئۇتۇققا ئىرىشكەن ئىدىيەلەر ئۇنىڭ توغرا ۋە ياخشىلىقىدىن ئەمەس،بەلكى ساغلام ئەخلاققا ئىگە ھىمايىچىلەرگە ئىرىشكەنلىكىدىن بولغان. ئەڭ ئىلغار بىر پىكىرنى ۋە بۈيۈك بىر ئىدىيىنى بوزۇلغان بىر جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرسەك ، ئۇنىڭ دەرھال بىر ئەسكى – تۈسكى نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ياكى ئەرزىمەس بىر ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئەخلاق ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر كىم باشقىلارنى ئۆزىدەك كۆرۈش، باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قىلىش دېگەنلىكتۇر. دېمەك، ئەخلاقلا بولىدىكەن كىشىلەرنىڭ خاسلىقى، تۇغما تالانتىنىڭ ئېچىلىشىغا زىمىن ھازىرلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىللەت ئەزالىرىنىڭ روھىيىتى ۋە جىسمانىيىتىدىن بىر خىل ئىقتىدار شەكىللىنىپ ، مىللىي كۈچ – قۇۋۋەت مەيدانغا كىلىدۇ. ئەخلاقنىڭ قىممىتىنى باشقا ئىجتىمائىي قىممەتلەر بىلەن ئۆلچىگىنى بولمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىلىم ۋە تالانتتىكى يىتەرسىزلىكىنى ئەخلاق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك تولدۇرۇپ كىتىدۇ . لېكىن،ئەخلاق جەھەتتىكى بىر كەمچىلىكنى بىلىم ۋە تالانتتىكى ھەرقانداق خاراكتېر تولۇقلىيالمايدۇ. دېمەك ،ئەخلاق بىر خىل ئۈستۈنلۈك، بىر خىل كۈچ ھېساپلىنىدۇ. ئەخلاقنىڭ قۇدرىتى ئارمىيە، بىلىم، تېخنىكا ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
بىر مىللەتنىڭ زەئىپلىشىشى ياكى گۇمران بولۇشى سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقتىن ئەمەس ،بەلكى ئەخلاق جەھەتتىكى بۇزۇلۇشتىن پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭدەك بىر ئادەمنىڭ ھۆرمەت تېپىشى ياكى قەدر— قىممىتىنى يوقىتىشىمۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تارىختىن مەلۇمكى،مەيلى ئۇيغۇر مىللىتى بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقتا يۈكسەلگەن چاغدا گۈللەنگەن، ئەخلاقتا چۈشكۈنلەشكەن چاغدا زەئىپلەشكەن.
تارىختا غەربىي رىم ۋە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى،ئەرەپ ۋە پارس ئىمپېرىيىسى، ئىسپانىيىدىكى گوتلار ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىدىن گۇمران بولغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بىرى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشى ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فرانسۇزلاردىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ زېيىنىنى فرانسىيە ھازىرغىچە تولدۇرالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك يېقىنقى دەۋرلەردىن باشلاپ ئۇيغۇر ھاياتىدا كۆرۈلگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە چېكىنىشكىمۇ ،شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ئەۋج ئېلىۋاتقان خاتىرىجەمسىزلىككىمۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەخلاقتىكى ئاينىپ كىتىشى سەۋەپ بولغان . بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل دۇنيادا ئەۋج ئېلىپ كىتىۋاتقان ئىجتىمائىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، نۇرغۇن ئالىملار، فۇندى جەمئىيەتلەر ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى، تەتقىقات مەرىكەزلىرى ھەممىدىن ئاۋۋال ئەخلاقنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇراجەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا رىقابەتلىك ۋە زىددىيەتلىك بۇ دۇنيادا مۇناسىپ ئورنىنى تېپىپ، شەرەپ – غۇرۇر بىلەن ياشىماقچى بولغان ۋە ئورنىدىن دەس تۇرماقچى بولغان ھەر قانداق بىر مىللەت ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى ئوپراتسىيە قىلىش كىرەك.
ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدىن مەلۇمكى، تارىختا ھەرقانداق بىر مىللەت مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىدە ئالاھىدە يۈكسەلگەن. يۇنانلىقلار ئېستېتىكىدا، رىملىقلار ھوقۇقتا، گېرمانلار پەلسەپە بىلەن مۇزىكىدا، ئېنگلىزلار ئىقتىسادتا، فرانسۇزلار ئەدەبىياتتا، ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىيلار دىندا، خەنزۇلار ھۈنەر – سەنئەتتە ، تۈركلەر – ئۇيغۇرلار ئەخلاقتا ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغان.
مەھمۇت قەشقەرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان« ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ: مىنىڭ بىر تائىپە قۇشۇنۇم بار ، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم ، ئۇلارنى كۈن چىقىشقا ئۇرۇنلاشتۇردۇم . بىرەر قەۋمگە غەزەپلەنسەم ،تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن» دېگەن چۈشەنچىگە قارىتا « بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ ئىزاھلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە تەرەققىياتنىڭ مەنبەسىنىڭ ئەخلاقىنىڭ يۈكسەكلىكىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مەھمۇد قەشقەرى يەنە « ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم ، يېقىملىق،ئۇچۇق چىراي،ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددى-ساددا،كەمتەر، دادىل ، مەرت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان – ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە» دەپ مەلۇمات بەرگەن. باشقىرت ئالىمى ئا. زەكىي ۋەلىدى توغانمۇ « ئۇيغۇرلارئەخلاقتا مۇكەممەل ئىنسانلاردىن بولۇپ،سەمىمىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت تەشكىل قىلغانىدى» دەيدۇ. ھەقىقەتەن،ئۇيغۇر تارىخىنى بىر ئەخلاق -پەزىلەت كۆرگەزمىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقىدىن مۇكەممەل بولۇپ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپى ئەخلاق بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. يەنى، سۆز، ھەرىكەت، كىيىنىش، ئۇزۇقلىنىش،ئولتۇراقلىشىش،مۇناسىىۋەتلىشىش، تەربىيىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىي پائالىيەت، قائىدە-يوسۇن ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىدىكى بەلگىلىك قائىدە – تەرتىپلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يەنە بەلگىلىك ئەخلاقىي تەرتىپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانە – رىۋايەتلىرى،قوشاق- داستانلىرى،خەلق ھېكايىلىرىدىمۇ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى مۇقەددەس بىلىشتەك ئالاھىدە مەدەنىي ئەھۋال يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved