خەلقئارا تېز لىنىيىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .10-ئاينىڭ 20-كۈنى ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ،ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى مېزوما رايونىدىكى 23 ياشلىق بىرتوپچى ،يەرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پۇتبول مۇسابىقىسىدە Miroslav Josef Kloseنىڭ بوشلۇقتا موللاق ئېتىپ تەبرىكلەش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن ،بىراق ئويلىمىغان يەردىن باش قىسمى يەرگە قاتلىشىپ قېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بارغان ، ئەپسۇسلىنارلىقى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بۇ ياش توپچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇ بەختسىز توپچىنىڭ ئىسمى Peter Biaksangzualaبۇلۇپ ،ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى كاھۋازۋال بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان رايون دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە ئوڭۇشلۇق ھالدا توپ كىرگۈزگەن .خۇشال بولغان بۇ توپچى نەتىجىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بوشلۇقتا موللاق ئاتماقچى بولغان ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ھەرىكەت ئىشلەش مەغلۇب بۇلۇپ ،باش قىسمى يەرگە تېگىپ قاتلىشىپ قالغان ئۇنىڭ بىلەن بىر كوماندىدىكى ئەزالارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ يەرگە يىقىلغاندىن كېيىن ،بەكلا قىينالغاندەك ،ئاغرىق ھېس قىلىۋاتقاندەك بىلىنگەن ،كوماندا ئەزالىرى ۋە رېپىر ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان .يەكشەنبە كۈنى ،ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىشقا باشلىغان ، دوختۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان。ئەمەلىيەتتە ئۇ يەرگە يىقىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دوستلىرى ئۇنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلمىگەن .
ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ كۆز قارىچۇقىنى باشقىلارغا ئىئانە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
Peter Biaksangzuala-ناھايىتى ئەقىللىق ۋە تالانتلىق توپچى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئارزۇسى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەتكە بېرىپ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىدى ،ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىزگە بەك زەربە بولدى ، بىز تېخى ئۇنى چوقۇم ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپتۇق › بۇ بىر نەچچە جۈملە سۆز ئۇنىڭ كوماندا ئىچىدىكى دوستى ماخارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بەرگەنلىرى . ھازىر ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىم ئىشلىرى ئورۇنلاشتۇرىۋاتىدۇ .ھەمدە ئۇنىڭ نامىدا بىر قېتىملىق ساخاۋەت تۈسىنى ئالغان پۇتبول مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
ئەمەلىيەتتە مۇسابىقە مەيدانىدا يارىلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان ئىشلار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ 2012-يىلى 7-ئايدا ، ھىندىستاننىڭ .جەلپەيگۇرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ،ھىندىستان پۇتبول ماھىرى ماھىش تابان قارشى تەرەپتىن كەلگەن توپنى توسۇش جەريانىدا يارىلىنىپ ،موتسىكىلىت بىلەن دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان .ئالدى كەينى بۇلۇپ ئۈچ دوختۇرخانىغا تېز سۈرەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ دوختۇرخانىدا كارىۋات يېتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن دەل ۋاقتىدا داۋالانماي ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved