مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى، بۇ نۆۋەتلىك ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆھبەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇددىتى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھەر قايسى تەرەپلەر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈۋاتقاندا، يەنە بىر خىل يۈزلىنىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پەسىللىك ژۇرنىلى»دا كەلگۈسىدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېڭى يادرو قۇراللار مۇسابىقىسى باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە تەييارلىق قىلىش خىزمىتى 30-ئىيۇندىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ.ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكى قوشنا دۆلەتلەرنى بىسەرەمجان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى چىن دىلىدىن قارشى ئىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو ئەسلىھەلىرى ھەتتا يادرو قوراللىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەيلى ئىران قانداق نەرسىگە ئېرىشسۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ ئوخشاشلا شۇ خىلدىكى نەرسىگە ئېرىشىدۇ . سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو ئېنېرگىيەسىدە ئىران بىلەن باراۋەر ئاساسىدا رىقابەتلىشىدۇ. يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن كورېيە يادرو ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، كەلگۈسىدە ئىككى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىنى تەتقىق قىلدى ھەمدە 20 يىل ئىچىدە 16 يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. ئۇندىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يادرو بومبىسى ياسايدىغانلىقىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە بۇ نۆۋەتلىك ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قەتئىي قارشى تۇرغۇچى دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ياكى ئىگە بولماسلىقى ھەققىدە بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسى كىشىلەرنى ئويغا سېلىپ قويدى. يېقىندا، نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنى تەكشۈرۈش يىغىنىدا ئامېرىكا ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئوتتۇرا شەرق رايونىنى يادروسىز رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسقا قارشى تۇردى. قاتار تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىسرائىلىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماختىدى، دېگەن.
ئۇندىن باشقا، مىسىر، تۈركىيە، ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يادرو ئېنېرگىيەسىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشىنى، بولمىسا ئۆزىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىگە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى يادرو مۇسابىقىسى ئىزچىل تۈردە ئەرەبلەر پارسلار ، تۈركلەر ۋە يەھۇدىيلاردىن ئىبارەت تۆت چوڭ كۈچنىڭ ئېلىشىشى بولۇپ كەلدى. ھازىر يەھۇدىيلار بىلەن پارسلار خېلى كۆلەمدە يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولدى. ئەرەبلەر بىلەن تۈرۈكلەر خىلىلا ئارقىدا.
2015-يىلى 3-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئون دۆلەتنى تەشكىللەپ ئىتتىپاق قۇرۇپ، يەمەندىكى ھۆكۈمەتكە ئاسىيلىق قىلغان ئارمىيەنى بومباردىمان قىلدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىدە ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىكى لى شاۋشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بىردىن بىر يادرو دۆلىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقى بۇرۇنلا ئاشكارىلاندى. ئامېرىكىنىڭ 2006- يىلدىن 2008- يىلغىچە بولغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي تەھدىتىنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىسرائىلىيەدىن باشقا دۆلەتلەر ھازىرغىچە كۆزەتمەكتە . ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەردىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ قارىشىدا بۇرۇلۇش بولۇپ، يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسى مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ يادرو جەھەتتە ئۇزاقتىن بۇيان ياقلاپ كەلگەن تەڭپۇڭ ھالەتنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نىيىتى بىر بولمىسىمۇ ، بىراق ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىرانغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە.
ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولسا، ئىران يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مىسىرمۇ بۇ ھوقۇققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىمۇ بۇ خىل ھوقۇققا ئېرىشىش يولىدا تىرىشىدۇ، لى جاۋشەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەتقىقاتى ۋە يادرو رېئاكتورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يادرو ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك تارقىتىش يادرو قوراللىرى تەتقىقاتىغا قاراپ يۈزلىنىدىغان يول.
يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۈچ سىنىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ياكى چىقارماسلىقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يادرو ھەربىي ئىشلار پىلانىنى يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس. پەقەت يادرو ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىلا كۈچەيتىدۇ. موسكۋا كانكى مەركىزى يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك مەسىلىسى پىلاننىڭ رەئىسى ئابباسوف ئىسپانىيەدە چىقىدىغان قوزغىلاڭ گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەھلىل قىلىپ: ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى تەسىر كۈچى يەنىلا ناھايىتى زور. سەئۇدى ئەرەبىستانى يېتىم قالمايدۇ، ئۇنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ساداسى يالغان، ئەمەلىي پىلان ئەمەس، دېدى .
بىراق، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتتە يەنىلا كۆپلىگەن مۇقىمسىزلىقلار بار. لى جاۋشەن: ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتىلىشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved