دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-ئىيۇل ئېلان قىلغان 6-ئايدىكى 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى ئولتۇراق ئۆينىڭ سېتىلىش باھاسى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 6-ئايدا يېرىمدىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنىڭ ئۆي باھاسى چۈشۈشتىن توختاپ ئۆرلەشكە باشلىغان، لېكىن ئۆي باھاسىدىكى بۆلۈنۈش پەرقى يەنىلا بەك كۆرۈنەرلىك ئىكەن، 1-سەپتىكى شەھەرلەر ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭكىدىن بەكلا يۇقىرى بولغان؛ 3-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى داۋاملىق چۈشكەن. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شەھەر مەھكىمىسىنىڭ ئالىي ئىستاتىستىكىچىسى ليۇ جيەنۋېي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: شەھەرلەردىن قارىغاندا، ئۆي باھاسىنىڭ بۆلۈنۈش پەرقى يەنىلا بەك روشەن. 1-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆيگە بولغان ئېھتىياج بەكلا يۇقىرى، ئۆي سودىسىنىڭ مىقدارى خېلى بەك ئاشماقتا، يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭكىدىن بەكلا يۇقىرى بولماقتا. 2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولۇپ، ئۆرلەش كۆلىمى يەنىلا بىر قەدەر كىچىك. 3-سەپتىكى شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسى داۋاملىق چۈشمەكتە، چۈشۈش كۆلىمى داۋاملىق كىچىكلىمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved